ئۇيغۇر ئېلىدە پاختا باھاسى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىدى
2004.12.14
تەڭرى تاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، گەرچە بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلى پاختىسىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلاتى، تارىختىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ مەھسۇلات ياراتقان يىلى ھېسابلانسىمۇ، بىراق پاختا باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى كېلەر يىللىق پاختا ئىشلەپچىقىرىشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتمەكتە.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2003 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر تاي پاختىنىڭ باھاسى 400 يۈئەن ئەتراپىدا بولۇپ، 12 - ئايغا كەلگەندە بىر تاي پاختىنىڭ باھاسى 700 يۈئەنگە، بىر قىسىم جايلاردا بولسا 800 گە يېتىپ، پاختا باھاسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش نىسبىتى٪ 60 كە يەتكەن.
بۇ يىل 3 - ئايدىن باشلاپ، پاختا باھاسى بىردىنلا چۈشۈپ كەتكەن ۋە 10 - ئايغا كەلگەندە بىر تاي پاختىنىڭ باھاسى 460 يۈئەنگە چۈشۈپ قالغان.
مۈتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، گەرچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشى، ئاساسەن ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئىگىلەنگەن بولسىمۇ، بىراق نۆۋەتتە كۆپلىگەن ئۇيغۇر دىخانلىرى پاختا تېرىش بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن، پاختا باھاسىنىڭ بىردىنلا تۆۋەنلەپ كېتىشى ئۇيغۇر دىخانلىرىغا ئېغىر ئىقتىسادىي زىيان ئېلىپ كېلىدىكەن. (ئەقىدە)