تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ 19 - دىكابىر كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پاختا ئومۇمى مەھسۇلاتى 1 مىليون 900 مىڭ توننىغا يېتىشى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، بۇ پۈتۈن خىتاي پاختا ئومۇمى مەھسۇلاتىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى، دۇنيا پاختا ئومۇمى مەھسۇلاتىنىڭ توققۇزدىن بىرىنى ئىگىلەيدىكەن.
پاختا باھاسىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، پاختا تېرىش ھەققىمۇ تەدرىجىي ئۆرلىگەن. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدە 1 مىليون پاختا تەرگۈچى پاختا تېرىش قوشۇنىغا قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار قىسقىغىنە ئىككى ئايدا 1 مىليارد 600 مىليون سوم كىرىم قىلغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ كىرىمنىڭ ئاساسلىق قىسىمى ھەر يىلى پاختا تېرىش مەزگىلىدە، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن پاختا تېرىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىدىغان خىتاي پەسىللىك ئىشچىلىرىنىڭ يانچۇقىغا كىرىدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت پاختا تېرىشتا ئىشلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىدىغان خىتاي پەسىللىك ئىشچىلىرىنىڭ ئىش ھەقلىرىنىڭ خىتاي ئىشچىلىرىغا ۋاقتىدا تۆلىنىشى ئۈچۈن ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىكەن. ئەمما پاختا تېرىش ئىشىدا ئىشلەش پۇرستىگە ئېرىشەلىگەن ئۇيغۇرلار ئىش ھەققىنى ئېلىشتا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدىكەن. (قانات)