ئۇيغۇرئېلىدا پاختىنىڭ بېسىلىپ قېلىش ئەھۋالى ئېغىر بولماقتا
2006.04.02
ئۇيغۇر ئېلىدا بۇ يىل پاختىنىڭ بېسىلىپ قېلىش ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، 2005- يىلى سېتىۋېلىنغان يېڭى پاختىنىڭ يېرىمىغا يېقىنى ھەر قايسى پاختا سېتىۋېلىش كارخانىلىرىنىڭ قولىدىكەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات-سودا كوپىراتىپىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇ يىل 3- ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئاپتونوم رايون ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيە ئەترىتى سېستىمىسىدىكى پاختا-چېگە كارخانىلىرى سېتىۋالغان پاختا 1 مىليون 500 مىڭ توننا ئەتراپىدا بولۇپ، نۆۋەتتە سېتىلىش مىقدارى 900 مىڭ توننىغىمۇ يەتمەيدىكەن.
نۆۋەتتە خىتايدىكى پاختىنىڭ بازار باھاسى بىر ئاز تۆۋەنلىگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەلا دەرىجىلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان جايلارنىڭ ئۆتكۈزگەن ھەر توننا پاختىسى 14 مىڭ يۈەنگىمۇ يەتمىگەن. بۇ، پاختا سېتىۋېلىش كارخانىلىرىنىڭ سېتىۋېلىش تەننەرخىدىن خېلىلا تۆۋەن بولغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 2005- يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پاختا ئومۇمىي مەھسۇلاتى 1 مىليون 890 مىڭ توننا بولۇپ، بۇ پاختىلارنىڭ 80% تىن كۆپرەكىنى ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات-سودا كوپىراتىۋى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيە ئەترىتىنىڭ تەمىنات-سودا كوپىراتىۋى سېتىۋالغان. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پاختا تەرگۈچىلەر ئۇيغۇر ئېلىدە 1 مىليارد 600 مىليون سوم پۇل تاپتى
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى 100 مىڭدەك ئوقۇغۇچىلار پاختا تېرىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى
- بۇ يىل خېنەندىن 213 مىڭ كىشى ئۇيغۇر ئېلىگە پاختا تېرىشقا كەلمەكچى
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر قىسىم رايونلاردا مۆلدۈر يېغىپ كەتتى
- ئۇيغۇر ئېلىدە پاختا باھاسى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىدى