چۇڭچىڭ شەھىرى بۇ يىل 9 - ئايدا 50 مىڭ ئىشچىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پاختا ئۈزۈشكە ئەۋەتىدۇ


2006.08.04

چۇڭچىڭ شەھىرى بۇ يىل 9 - ئايدا 50 مىڭ ئىشچىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پاختا ئۈزۈشكە ئەۋەتىش ئۈچۈن تەييارلانماقتا.

چۇڭچىڭ شەھەرلىك ئەمگەك كۈچى ئىشخانىسىنىڭ خىتاي مەتبۇئاتلىرىغا ئاشكارىلىشىچە، چۇڭچىڭ شەھىرى بۇ يىل 7 - ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئادەم ئەۋەتىپ، بۇ يەردىكى دىھقانچىلىق مەيدانلىرى بىلەن بۇ توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغان.

تۇنجى تۈركۈمدىكى ياللانما ئىشچىلار 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۇڭچىڭدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شىمالىدىكى پاختىزارلارغا، 2 تۈركۈمدىكىلەر 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى جەنۇبتىكى پاختىزارلارغا قاراپ يولغا چىقماقچى. چۇڭچىڭ شەھەرلىك ئەمگەك كۈچى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى جاڭ دېشياڭنىڭ ئاشكارىلىشىچە، چۇڭچىڭلىق ياللانما ئىشچىلار ئۆتكەن يىلى رايوندا پاختا ئۈزۈپ 2 - 3 ئاي ئىچىدە 1700 يۈەندىن ساپ كىرىم قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ ئۇيغۇر دىھقانلىرىنىڭ بىر يىللىق كىرىمىدىنمۇ كۆپ ئىكەن. خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئىچكىرىدىن ياللانما ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا پاختا ئۈزۈشكە سالماقتا.

ئۇلار ھازىرغىچە نېمە ئۈچۈن رايوندىكى يەرلىك دىھقانلارنى پاختا ئۈزۈشكە ياللىماي، ئىچكىرىدىن ئەمگەك كۈچى ياللاپ ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ باقمىدى. كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر دىھقانلىرىنىڭ بۇ پەسىلدە ھاشارغا ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۆتكەن يىلى چۇڭچىڭدىن 20 مىڭ ياللانما ئىشچى رايونغا كېلىپ پاختا ئۈزگەن. خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يىلىغا پاختا ئۈزۈدىغان 500 مىڭ ئىشچىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.(ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.