ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جوڭگو دائىرىلىرىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشىگە ئېرىشكەن يۈز مىڭ كىشىلىك چوڭچىڭدىن كېلىدىغان پاختا ئۈزگۈچىلەرنىڭ ئېقىمىغا ئۇچرىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر 19 - ئاۋغۇستتىن باشلاپ چوڭچىڭدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بېرىپ پاختا ئۈزىدىغان 100 مىڭ كىشىلىك ياللانما خىتاي دېھقاننى 26 پويىزدا 3300 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئۈرۈمچىگە توشۇشقا باشلىغان.
جوڭگو يېزا ئىگىلىك دائىرىلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يىلدا پاختا ئۈزىدىغان 470 مىڭ كىشىلىك ياللانما ئەمگەك كۈچىگە ئېھتىياجى چۈشۈدىكەن.
بۇ قېتىم پاختا ئۈزۈشكە ماڭغان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ يول خىراجىتىنى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۈستىگە ئالغان. ياللانما ئىشچىلارنىڭ بىر قىسىم كۈندىلىك چىقىمىنى پاختىكارلار ئۈستىگە ئالىدىكەن.
دائىرىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھەر بىر ياللانما ئىشچىنىڭ ئىككى ئايلىق پاختا ئۈزۈشتىن ئېرىشىدىغان ساپ تاپاۋىتى 2 مىڭ يۈئەن ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ يۇرتىدا تاپىدىغان بىر يىللىق كىرىمىگە توغرا كېلىدۇ. رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقى، بۇ دىھقانلارنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلار ئىسلامى ئېتىقاتى بىلەن ئورتاقلاشمايدىغان خىتاي كۆچمەنلىرى كۆپىيىپ كەتكەنلىكىدىن شىكايەتچى بولىۋاتقان بۇ رايونغا ئەۋەتىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. (ئەركىن)