بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پاختا مەھسۇلاتى ئەڭ يېڭى رىكورد ياراتتى
2006.10.10
خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پاختا مەھسۇلاتى خىتاي بۇيىچە ئەڭ يېڭى رىكورت ياراتقان ئىكەن. يەنى بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر بىر مۇ يەردىن 90 كىلودىن ئارتۇق پاختا يىغىۋىلىنغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر رايونىدا پاختا تېرىلغان يەرنىڭ ئۆزى 5 مىليون 400 مىڭ مودىن ئارتۇق بولۇپ، بۇ ئومۇمي تېرىلغۇ يەرنىڭ 70 % نى ئىگىلىگەن. خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بېرىلگەن بۇ خەۋەردە" بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدىكى پاختا مەھسۇلاتىنىڭ بۇنداق كۆپ بولۇشىدىكى سەۋەب پەن تېخنىكا ۋە يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنىڭ يېڭىلانغانلىقىدىن، شۇنداقلا توك، سۇ مەنبەلىرىنىڭ ياخشى يېتىلدۈرۈلگەنلىكىدىن" دەپ كۆرسىتىلگەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىن بېرىلگەن خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ پاختا تەرگۈچىلەر ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپەيگەن بولۇپ ، پەقەت بىڭتۇەنگە پاختا تەرگىلى كەلگەنلەرنىڭ سانىلا 300 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن شۇنداقلا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىۋاتقان بۇ دېھقانلار قىسقىغىنا 2 ئاي ئىچىدە 5 - 6 مىڭ يۈەن ھەتتا 7 مىڭ يۈەنلەپ كىرىم قىلغان.
رادىئومىزنىڭ ھەقسىز تېلېفون لېنىيىسىگە كەلگەن خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي رايونىدىكى دېھقانلار بىڭتۇەن رايونلىرىغا بېرىپ مەجبۇرىي پاختا تېرىش ئەمگىكىگە قاتناشقان، لېكىن ئۇلارنىڭ كىرىمى خىتاي دېھقانلىرىنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا پەرقلىق ھالدا تۆۋەن بولغان. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئېلىدە 800 مىڭ ئوقۇغۇچى پاختا تېرىشكە ئېلىپ كىتىلدى
- ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارنى قۇتقۇزۇشمۇ ياكى "شىنجاڭ" غا ياردەم بېرىشمۇ؟
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يۈز مىڭ كىشىلىك پاختا ئۈزگۈچىلەرنىڭ ئېقىمىغا دۇچ كەلدى
- خىتاي ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەكنى داۋاملاشتۇرماقتا
- چۇڭچىڭ شەھىرى بۇ يىل 9 - ئايدا 50 مىڭ ئىشچىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پاختا ئۈزۈشكە ئەۋەتىدۇ