خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۇ يىلقى پاختا مەھسۇلاتى 2 مىليون 180 مىڭ توننىغا يەتكەن.
خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنى ئۆزىنىڭ پاختا بازىسى قىلىپ قۇرۇپ، كۆپلەپ پايدىغا ئېرىشكەندىن سىرت، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى خىتايلارنىڭ بېيىشىغا ئالاھىدە يول ئېچىپ بەرمەكتە.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ بىر قانچە كۈن ئىلگىرى بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتايدىن كەلگەن پاختا تەرگۈچىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىن 1 مىليارد 500 مىليون يۈەننى ئېلىپ كەتكەن. ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىگە پاختا تەرگىلى كەلگەنلەر 750 مىڭدىن ئاشقان.
خىتاي ھۆكۈمىتى، تۇرمۇش قېيىنچىلىقى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى پاختا تېرىش ئەمگىكىگە سالماي، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئالاھىدە ئەمگەك كۈچى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ كىرا ۋە يىمەك - ئىچمەك ، تۇرالغۇ جايلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئالاھىدە يۇقىرى ئەمگەك ھەققى تەيىنلەپ، ئۇيغۇر دېھقانلىرى بىر يىلدا تاپالمىغان كىرىمنى، خىتاي ئىشلەمچىلىرىنىڭ 2 ئاي ئىچىدە تېپىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن. بۇ ئەھۋال نۆۋەتتە ، چەتئەللەردىكى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىماقتا. (ئەقىدە)