شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈرۈمچىدىن خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى رەڭلىك پاختا شىركىتى بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا 1600 توننا رەڭلىك پاختا دوگۋارى تۈزۈلگەن، بۇنىڭ قىممىتى 4 مىليون 800 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى. دوگۋارغا شىركەت باشلىقى جاۋ شاۋلىن ئىمزا قويغان. بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن چىقىدىغان رەڭلىك پاختىنىڭ تۇنجى قېتىم خەلقئارا بازارغا كىرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
"توقۇمىچىلىق ۋە پوسۇن" گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھازىر دونيادىكى ئەڭ چوڭ رەڭلىك پاختا بازىسى بولۇپ قالغان. بۇ رايوندا ھەر يىلى 46 مىڭ 700 گېكتار يەرگە رەڭلىك پاختا تېرىلىدۇ. سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2004 - يىلى 160 مىڭ توننا رەڭلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىلغان. بۇ رايوندىن چىقىدىغان رەڭلىك پاختا مەھسۇلاتى، يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە دۇنيا بۇيىچە ئىشلەپچىقىرىلغان رەڭلىك پاختا مىقدارىنىڭ 30% نى تەشكىل قىلىپ كەلمەكتە. خەۋەردە تەسۋىرلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن چىقىدىغان رەڭلىك پاختا خىتايدىلا ئەمەس، خەلقئارا بازاردىمۇ مەشھۇر. (ۋەلى)