
ئۇيغۇر ئېلى شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىگە جايلاشقان بىڭتۇەننىڭ كۆپ قىسىم يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش مەيدانلىرى پاختا بازىسىغا ئايلاندۇرۇلغاندىن كېيىن ھەر يىلى مۇشۇ مەزگىلدە خىتاينىڭ نامرات جايلىرىدىن پاختا تېرىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىۋاتقان پەسىللىك دېھقان ئىشچىلار سانى كۆپ بولغاندا مىليونغا يەتمەكتە. شۇنداقلا ئۇلار ھەر يىلى پاختا تېرىش ئارقىلىقلا مىلياردلاپ ئىقتىسادنى يۆتكەپ كەتمەكتە. بۇ يىل 8 - ئايدىن باشلاپ پاختا تېرىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن خىتاي ئاققۇنلىرى 580مىڭدىن ئاشقان. ئۇيغۇر ئېلىدىكى كېۋەزلىكلەر ھەر يىلى بۇخىل پەسىللىك پاختىكار ئاققۇن خىتايلار ئۈچۈن ئالتۇن قازىدىغان جاي بولماقتا.
بۇلتۇر خىتاي ئاققۇنلىرى پاختا تېرىش ئارقىلىقلا ئۇيغۇر ئېلىدىن بىر مىليارد ئالتە يۈز مىليون يۈەن يۆتكەپ كەتكەن
ئۇيغۇر ئېلى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ھەم ئەڭ ئاساسلىق پاختا بازىسى ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پاختا مەھسۇلاتى پۈتۈن خىتاينىڭ ئومۇمىي پاختا ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. 2006 - يىلىغا كەلگەندە ئۇيغۇر ئېلىدىكى كېۋەزلىكلەرنىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانى 18مىليون 640 مىڭ موغا يەتكەن ، بۇنىڭ ئىچىدە بىڭتۇەن كېۋەزلىكلىرىنىڭ ئىگەللىگىنى يەتتە مىليون 70مىڭ موغا بارىدۇ.
ئۇيغۇر ئېلىگە ھەر يىلى 8 - ئايدىن 11 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدە خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن يۈز مىڭ ھەتتا مىليونغا قەدەر پەسىللىك خىتاي ئىشچىلار پاختا تېرىشقا كېلىدۇ. ئۇلار ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلەشكەن بىڭتۇەن كېۋەزلىكلىرىگە تەقسىم قىلىنىدۇ.
شىنجاڭ خەۋەر تورىنىڭ ئېلان قىلىشىچە ، پەسىللىك پاختىكارلار ھەر يىلى ئۈچ ئايلىق ئەمگەك ئارقىلىق ،ئۇيغۇر ئېلىدىن ناھايىتى يۇقىرى ئىقتىسادى قىممەت يارىتىپ يۇرتلىرىغا قايتىۋاتقان بولۇپ ، بۇلتۇر ھەر قايسى بىڭتۇەنلەرگە پاختا يىغىشقا كەلگەن بىر مىليونچە خىتاي ئاققۇن جەمئىي بىر مىليارد ئالتە يۈز مىليون يۈەن يۆتكەپ كېتىشكەن.
پاختا تېرىشقا قاتناشقان خىتاي ئاققۇنلار تۈرلۈك ئىمتىيازلاردىن بەھرىمان بولماقتا
بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدىكى كېۋەزلىكلەر 20 مىليون مودىنمۇ ئاشۇرۇلغان بولۇپ ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلى كېۋەزلىكلىرىنىڭ بۇ يىل بىر مىليون ئەمگەك كۈچىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى . بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت بىڭتۇەن مەيدانلىرىغا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىدىغان پەسىللىك ئىشچىلار ئاز دېگەندە 600مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن.
بىڭتۇەن كېۋەزلىكلىرىدە پاختا تېرىشقا كېلىدىغان خىتاي ئىشچىلار ئاساسەن بىڭتۇەننىڭ ،بىرىنچى دىۋىزىيە ، ئىككىنچى ، ئۈچىنچى، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ۋە سەككىزىنچى ھەمدە 13 - دېۋىزىيىسىدىن ئىبارەت سەككىز دېۋىزىيىنىڭ 38 يېزا ئىگىلىك پولكلىرىغا تەقسىم قىلىنىپ 100كۈن ئەتراپىدا پاختا تېرىش ئەمگىكىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
پاختا تېرىشقا كەلگەن بۇ پەسىللىك ئىشچىلار خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھەم بىڭتۇەن كېۋەزلىك ھۆددىگەرلىرى تەرىپىدىن مۇۋاپىق ئەمگەك ھەقىقى، تۇرمۇش ياردەم سوممىسىغا ئىگە قىلىنغاندىن سىرت ، ئۇلارنىڭ قاتناش ھەم تۇرالغۇ ۋە باشقا چىقىملىرىمۇ كۆتۈرىۋېتىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدىن ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىدىغان دېھقان ئىشچىلارنىڭ ئەمگەك ھەم باشقا ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ھەر بىرىنىڭ ئەمگەك ھەققىنى چوقۇم قولىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن مەخسۇس قانۇن ، نىزاملارنى تۇرغۇزغان. شۇنداقلا ، بۇ ئىشچىلار بىلەن ھۆددىگەرلەرنىڭ ئەمگەك توختامىغا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى نازارەتچىلىك قىلغاندىن باشقا ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ئۇلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
ھەتتا بىڭتۇەن دېۋىزىيىلىرى ئۆزلىرى پۇل چىقىرىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن پەسىللىك پاختىكارلارغا تاسادىپىي يارىلىنىش سۇغۇرتىسى سېتىۋالغان .
نۆۋەتتە 600 مىڭغا يېقىن خىتاي بىڭتۇەن كېۋەزلىكلىرىدە
بىڭتۇەن خەۋەر تورى قاتارلىق يەرلىك خىتايچە تور بەتلەرنىڭ خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىشىچە ، بۇ يىللىق پاختا تېرىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىگە ئىككى ئاي ئىچىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يېتىپ كەلگەن خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ سانى583مىڭغا يەتكەن.
بۇ يىللىق پاختا تەرگۈچىلەرنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەش ئۈچۈن ئالدىنقى ئىككى ئايدا ، تۆمۈر يول دائىرىلىرى 198 مەخسۇس پاختىكار يۆتكەش ۋاگونلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان. ئۈرۈمچى تۆمۈر يول دائىرىلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 8 - ئاي كىرىشى بىلەن ، ھەر كۈنى خېنەن، سىچۇەن ھەمدە ئەنخۇي قاتارلىق ئۆلكىلەردىن مەخسۇس بىر ۋاگون ئاققۇن ئىشچى ئۇيغۇر ئېلىگە توشۇپ كېلىنمەكتە ئىكەن.
بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىكى بىر قىسىم دېھقانلارنىمۇ يىللاردىن بۇيان بىڭتۇەنلەردىكى پاختا تېرىشقا قاتناشتۇرۇۋاتقان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇلار كىرا ،ياتاق ھەم تاماقلىرىنىمۇ ئۆزى چىقىم قىلغاچقا ، پاختا تېرىشتەك ئېغىر ئەمگەككە قاتنىشىپمۇ ھېچقانچە كىرىم قىلالمىغان ھەتتا بەزىلىرى قەرزدار بولۇپ قالىدىكەن.
بەزى دېھقانلار ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي ئاققۇنلىرىغا بەرگەن شۇ ئىمتىيازلار بىلەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى پاختا تېرىشقا ئورۇنلاشتۇرغان بولسا بىزمۇ كىرىم قىلغان بولاتتۇق دېيىشىدۇ.
خىتاينىڭ مەنتىقىسىز ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى تەڭشەش سىياسىتى
خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئاققۇن دېھقان ئىشچىلارنى ھەر يىلى پىلانلىق تۈردە ئۇيغۇر ئېلىدە پاختا يىغىش ئەمگىكىگە ئورۇنلاشتۇرۇش ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى تەڭشەش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى. يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ خىل پەسىللىك ئەمگەك ئارقىلىق خىتاينىڭ نامرات ، ئادەم كۆپ، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى زىچ بولغان رايونلارنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىپ، ئىشسىزلىقنى ئازايتىش ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، خىتاي دېھقان ئىشچىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بىر ئىستراتېگىيىلىك پىلانى. شۇنداقلا بۇ پىلانى ئەمەلىيلەشكەندىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتىپ كەلدى. شۇنداقلا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە ھەر يىلى يۆتكىلىۋاتقان خىتاي ئاققۇنلار مىلياردلاپ خەلق پۇلىنى يۆتكەپ كېتىشمەكتە.
يەنە بىر تەرەپتىن ، بىڭتۇەن كېۋەزلىكلىرى ھەقىقەتەن مۇشۇ مەزگىلدە ئەمگەك كۈچىگە مۇھتاج بولىدۇ ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر يەرلىك دېھقانلارنىڭ كىرىمى تۆۋەن ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىگە پۇل تېپىش پۇرسىتى ئاز بولغان شارائىتتا ،ئەكسىچە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە ئادەم يۆتكىشى ، ئۇيغۇرلاردا نارازىلىق پەيدا قىلىپ كەلمەكتە.
بولۇپمۇ ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشسىز ياشلارنى ، يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىمىز دەپ ، تىل ، مەدەنىيەت ، تۇرمۇش ئادىتى قاتارلىق ھەر جەھەتتە ياد ھەم يىراق بولغان خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكىشى شۇنىڭ بىلەن بىر پەيتتە ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىش پۇرسەتلىرىنى بولسا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن ئاققۇن خىتايلارغا تەييارلاپ بېرىۋاتقانلىقىدەك ،خىتايلارنىلا مەنپەئەتلەندۈرۈۋاتقان نوپۇس ئالماشتۇرۇش ۋە يۆتكەش سىياسىتى، تېخىمۇ مەنتىقىسىز بىر سىياسەت بولۇپ كەلمەكتە. (گۈلچېھرە)