ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارنى قۇتقۇزۇشمۇ ياكى "شىنجاڭ" غا ياردەم بېرىشمۇ؟
2006.08.24
100 مىڭ كىشىلىك چوڭچىڭلىقنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا پاختا ئۈزۈشكە تەشكىللەش پىلانى ئەسلى بۇ دىھقانلارنى بۇ يىل يازدا چوڭچىڭدا يۈز بەرگەن ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.
رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چوڭچىڭدا يۈز بەرگەن ئېغىر قۇرغاقچىلىق خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىدىن ھوسۇل ئالالمىغان 100 مىڭ كىشىلىك دېھقاننى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئېلىپ چىقىپ پاختا ئۈزۈشكە تەشكىللەشكە سەۋەبچى بولغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى چوڭچىڭلىق پاختا ئۈزگۈچىلەرنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن باشلاپ 26 پويىزنى سەپەرۋەر قىلدى. بۇ يىل غەربىي جەنۇبىي جۇڭگودا يېقىنقى 50 يىلدىن بېرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بېرىپ، 5 مىليون توننا بۇغداي ئاز ھوسۇل ئالغان،2 مىليون گېكتار تېرىلغۇ يەر زىيانغا ئۇچرىغان ۋە چوڭچىڭدا دىھقانلار تېرىلغۇدىن 1 مىليارد دوللار زىيان تارتقان.
بەزى مۇتەخەسسىسلەر، چوڭچىڭدىكى قۇرغاقچىلىققا بۇ يىل 3 - ئايدا چوڭچىڭدا يۈز بەرگەن مىتان گازى چىقىپ كېتىش ۋەقەسى سەۋەبچى بولغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىشماقتا. شۇ قېتىمقى ۋەقەدە 5000 ئادەم تارقاقلاشتۇرۇلغان. چوڭچىڭلىقلار رايوندا 2 ئاي پاختا ئۈزسە 2000 يۈەن تاپاۋەت قىلىدىكەن. بۇ ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ يىللىق تاپاۋېتىدىن ئاز دېگەندە 2 ھەسسە كۆپ. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يۈز مىڭ كىشىلىك پاختا ئۈزگۈچىلەرنىڭ ئېقىمىغا دۇچ كەلدى
- خىتاي ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەكنى داۋاملاشتۇرماقتا
- چۇڭچىڭ شەھىرى بۇ يىل 9 - ئايدا 50 مىڭ ئىشچىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پاختا ئۈزۈشكە ئەۋەتىدۇ
- بۇ يىل ئىچكىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە ئىمتىھان بېرىشكە كەلگەن 193 نەپەر ساختا سالاھىيەتتىكى ئوقۇغۇچى بايقالدى
- مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا ئۇيغۇر ئېلىگە پالانغان خىتايلار شاڭخەيدە نامايىش قىلدى