شىنخۇئا تورىنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، چوڭچىڭدىن ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ پاختا تېرىشقا قاتناشماقچى بولغان 100 مىڭ كىشىلىك پەسىللىك ئىشلەمچى قوشۇننى توشۇيدىغان مەخسۇس پويىز لىنىيىسىنىڭ بىرىنچى قېتىملىقى، نەچچە مىڭلىغان خىتاي ئىشلەمچىنى ئېلىپ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراپ يولغا چىققان.
20-ئاۋغۇست ئۇيغۇر ئېلىگە قاراپ يۈرۈش قىلغان بۇ چوڭچىڭلىق خىتايلار ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى دىۋىزىيىلىرىنىڭ كېۋەزلىكلىرىگە تارايدۇ. بۇ يىل چوڭچىڭدىن ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ پاختا تېرىش ئەمگىكىگە قاتنىشىدىغان خىتايلارغا خىتاي ھۆكۈمىتى ، قاتناش ھەققىنى كۆتۈرۈۋېتىش، كۈنلىكىگە ئىككى يۈەندىن تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش دېگەندەك بىر قاتار ئېتىۋار بېرىش سىياسەتلىرى چىقارغان ئىدى.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەرلىك خەۋەر تورلىرىدا بېرىلگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىدىغان پەسىللىك پاختا تەرگۈچىلەر خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىنمۇ كېلىدىغان بولۇپ ، 19- ئاۋغۇست كۈنى گەنسۇ، شەندوڭ قاتارلىق جايلاردىن بىرىنچى تۈركۈمدە 140 تىن ئارتۇق خىتاي پاختا تەرگۈچى پويىز ئارقىلىق كورلىغا يېتىپ كەلگەن. ئۇلار بايىنغۇلىن ئوبلاستىدىكى ھەر قايسى پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىغا تارقالغان.
2006- يىلى چوڭچىڭدا يۈز بەرگەن قۇرغاقچىلىق ئاپىتىدىن خىتاي دېھقانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن شۇ يىلى ئوخشاش مەزگىلدە يۈز مىڭ دېھقان ئۇيغۇر ئېلىگە پاختا تېرىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى ، شۇندىن ئېتىبارەن چوڭچىڭدىن ھەر يىلى 100 مىڭ خىتاي ئۇيغۇر ئېلىگە پاختا تېرىشقا كەلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر يىلى ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي ئىشلەمچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە ئەكسىچە بولسا ئۇيغۇر ئىشسىز ياشلىرىنى بولۇپمۇ قىزلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە تۈركۈملەپ ئىشلەمچىلىككە يۆتكەش سىياسىتى ئۇيغۇرلاردا گۇمان ھەم نارازىلىق پەيدا قىلماقتا.(گۈلچېھرە)