ئالى مەكتەپكە قوبۇل قىلىش نومۇر چېكىدىكى پەرق بىكار قىلىنماقچى


2004-12-14
Share

شىنخۇئا تورىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى، كېلەر يىلىدىن باشلاپ خىتاي بولمىغان مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالى مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىش نۇمۇر چېكىدىكى پەرقنى ئېلىپ تاشلاشنى قارار قىلغان.

خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە يەنە، ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئوقۇتۇش سۈپىتىدە يۈز بېرىۋاتقان پەرقنى يوقۇتۇش ئۈچۈن، ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىپ، بىر تەرەپتىن مىللىي باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىن باشلاپ، خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي بولمىغان مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، ئوقۇغۇچىلارنى ئالى مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىش نومۇر چېكىدىكى پەرق، خىتاي بولمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپچانلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىكەن. بىراق ئۇيغۇر پىداگوكىلىرى، ئالى مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نومۇر چېكىنى خىتايلار بىلەن بىردەك قىلىش، تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇيالماسلىقىغا يول ئاچىدۇ - دەپ قارىماقتا. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت