4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تور بەتلەردە چىققان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۈگۈن پەيزىۋات ناھىيىسىنىڭ قوشئاۋات يېزىسىدىكى دېھقانلار يېزىلىق ھۆكۈمەت ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىغا يىغىلغان.
قوشئاۋات يېزىلىق ھۆكۈمەت دېھقانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بىر نەچچە يىل ئىلگىرى يېزا تەۋەسىدىكى بوش يەرگە 40 يۈرۈش ئۆي، قوتان سالدۇرۇپ 40 ئائىلىلىك دېھقاننى ئورۇنلاشتۇرغان ھەمدە 15 مو دىن يەر بەرگەن. دېھقانلار ئىككى يىل ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بۇيىچە بۇ يەرلەرگە قوناق، بېدە تېرىغان بولسىمۇ ياخشى كىرىم قىلالمىغان.
ھۆكۈمەت يەنە، ھەر بىر ئائىلىگە 500 چۈجە باقتۇرغان. تېخنىكىلىق يېتەكلەش ياخشى بولمىغاچقا ھەم چۈجىلەرگە ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئۇرۇلمىغاچقا چۈجىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆلۈپ كەتكەن. بۇ يىل يەر كېلىشكەندە ھۆكۈمەت يەنە دېھقانلارنى 5 تىن كالا، 50 دىن قوي ئېلىپ بېقىشقا، ئۇلارنىڭ يەم - خەشىكى ئۈچۈن بېدە ۋە سۇلياۋ يېپىپ قوناق تېرىشقا بۇيرىغان.
بۇ يېزىنىڭ سېكرىتارى دېھقانلار باشقا زىرائەت تېرىسا مەجبۇرىي بۇزدۇرۇۋېتىشنى بۇيرىغان. بۇ بىر قاتار ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ئىشلار دېھقانلارنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەي بۈگۈن يەنى20 نەچچە دېھقان ناھىيىلىك ھۆكۈمەتكە كېلىپ ئۆزلىرىنىڭ ھالىنى ئېيتقان. ئەپسۇسلىنارلىقى پەيزىۋات ناھىيىسىنىڭ سېكرىتارىمۇ يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ قارارى توغرا دەپ قاراپ دېھقانلارنى قايتۇرۇۋەتكەن.
ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە شۇنداقلا، بۇنداق ئىشلار بەلكىم باشقا جايلاردىمۇ بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر مۇشۇنداق 70 - يىللاردىكىدەك ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان سىياسەتلەر يۈرگۈزىلىۋەرسە ئۇيغۇر دېھقانلىرى مەڭگۈ ھاللىق سەۋىيىگە يىتەلمەسلىكى مۇمكىن، دېيىلگەن. (ئۆمەر قانات)