پىچان ناھىيىسىدە بالىلار ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ۋەقەسى بايقالدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پىچان ناھىيىسىدە 3 ئۆسمۈر بالىنىڭ پۇت، قول ۋە ئېغىز كېسەللىك ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان بولۇپ، مەزكۇر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەڭ كىچىكى 3 ياشلاردا ئىكەن. ۋەقە 4 ‏ - ئاينىڭ 30 ‏ - كۈنى بايقالغان بولسىمۇ، لېكىن رايوندىكى مەتبۇئاتلار بۇ ۋەقەنى 9 ‏ - ماي كۈنى ئېلان قىلدى.

شىنجاڭ خەۋەر لىنىيىسىنىڭ جۈمە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، پىچان ناھىيىلىك سەھىيە ئىدارىسى 4 ‏ - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئاپتونوم رايون سەھىيە نازارىتىگە 3 ياشلاردىكى بىر بوغۇندا پۇت، قول ۋە ئېغىز كېسەللىك ۋىرۇسى بايقالغانلىقىنى ئۇقتۇرغان شۇنداقلا ئۇزۇن ئۆتمەي مەزكۇر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان يەنە 2 بالىنى بايقىغان. لېكىن خەۋەردە دائىرىلەرنىڭ بۇ ۋەقەنى نېمە ئۈچۈن ئەمدى ئاشكارىلىغانلىقىغا ئىزاھات بەرمىدى.

سەھىيە نازارىتى، پىچانلىق بالىدىن بايقالغان ۋىرۇسنىڭ ئىچكىرىدە تارقالغان EV71 تىپلىق بالىلار ۋىرۇسىدىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى، پىچانلىق بالىنىڭ A16 تىپلىق پۇت،قول ۋە ئېغىز - بۇرۇن ۋىرۇسىدا يۇقۇملانغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

سەھىيە نازارىتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى تەكشۈرۈش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى بىماردىن ئېلىنغان ئۆلگىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ خۇلاسىنى چىقارغان. لېكىن قالغان 2 بالىنىڭ ئەھۋالى تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن. خىتاي دائىرىلىرى جۈمە كۈنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە بالىلار ۋىرۇسىدىن ئۆلگەن ئۆسمۈر ۋە بوغۇنلارنىڭ 34 كە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.