خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "شىنجاڭدا مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن يېزا-كەنت بازارلىرى قۇرۇش" دېگەن دۆلەت پىلانى ئەمەلىيلەشمەكتە

"شىنجاڭ خەۋەر تورى" دا 10 ‏- ئاينىڭ 18 ‏- كۈنى ئاشكارىلاپ قويۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "شىنجاڭدا مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن يېزا-كەنت بازارلىرى قۇرۇش" دېگەن دۆلەت پىلانىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى" دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان بۇ رايوننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، بىر يىلدىن بۇيان خىتاي ماللىرىنى تەقسىم قىلىدىغان ناھىيە دەرىجىلىك ئورگاندىن 78ئى قۇرۇلۇپ بولغان. 4400 يېزىدا ئۇنىڭ شۆبىسى قۇرۇلغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى" دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان بۇ رايوندا، گەرچە شەھەرلەردە دە ھەر بىر ئادەمنىڭ كۈندىلىك سەرپىياتى 3 يۇەندىن بولسا، يېزىلاردا ئاران بىر يۇەندىن، ئەمما پۈتۈن جەمئىيەتتىكى پارچە سېتىش مىقدارىنىڭ 40% ئى يېزىدا ئورۇنلىنىدۇ. بۇ بىر چوڭ سان. شۇڭلاشقا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا "مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن يېزا-كەنت بازارلىرىنى قۇرۇش" دېگەن دۆلەت پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا قۇرۇلۇپ بولغان بۇ "مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن يېزا-كەنت بازارلىرى" خىتاينىڭ "شىننوڭ گۇرۇھى" دەپ ئاتىلىدىغان چوڭ شىركىتىنىڭ "نۇڭجالې" دېگەن چاتما تىجارەت تورىغا چېتىپ قويۇلغان. خىتاينىڭ "شىن گوليەن" دەپ ئاتىلىدىغان چوڭ مېۋە شىركىتىمۇ، ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىكى "مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن يېزا-كەنت بازارلىرى" ئارقىلىق يېزىلاردىن مېۋە سېتىۋېلىپ، ئۇنى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇئاڭجۇ قاتارلىق شەھەرلەردىكى شۆبىلىرىنىڭ سېتىشىغا تاپشۇرىدىكەن. (ۋەلى)