ئۇيغۇر ئېلىدە بىر بالىلىق بولغان دېھقانلار ئائىلىسىنىڭ سانى ئاشماقتا
2005.05.11
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يېقىندا، ئۇيغۇر ئېلىدە بىر بالىلىق بولۇش شەرەپناسىمىگە ئېرىشكەن دېھقانلار ئائىلىسىنىڭ 100 مىڭدىن ئاشقانلىقىنى جاكارلىدى.
خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئۆتكەن بىر يىللىق دېھقانلار ئارىسىدىكى پىلانلىق تۇغۇت ئەھۋالىغا ئاساسەن بۇ دوكلاتنى چىقارغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىي رايونلىرىدىن بولۇپ، تەخمىنەن 134 مىڭغا يېقىن دېھقان ئائىلىسى بىر بالىلىق بولۇش ۋە پىلانلىق تۇغۇت شەرەپنامىسىگە ئېرىشكەن.
پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يەنە، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پىلانلىق تۇغۇت ئىشلىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، پىلانلىق تۇغۇتقا رىئايە قىلىدىغان دېھقان ئائىلىلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ ئۆتكەن يىلىلا مىليون يۇەندىن ئوشۇق خىراجەت ئاجرىتىپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدى بۇ يىلنىڭ بېشىدا بەرگەن بىر دوكلاتىدا، خىتاينىڭ 9 - بەش يىللىق پىلانى باشلىنىپ 2003 - يىلغىچە بولغان مەزگىلدە، ئۇيغۇر ئېلىدە 3 مىليون بوۋاقنىڭ ئاز تۇغۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.(پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۈرۈمچىدە، تۇغۇلۇش نىسبىتىدە تۆۋەنلەش كۆرۈلدى
- ئۇيغۇر ئېلىدە قىز-ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ نىسبەت پەرقى چوڭايماقتا
- ئۇيغۇر ئىلىدا 2003 - يىلغىچە 3 مىليون بوۋاق تۇغۇلالمىدى
- شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى خىتاينىڭ تۇغۇت سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى
- ئۇيغۇر ئېلىدە ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تېز ئۆرلىمەكتە