قەشقەرنىڭ پاختەكلى يېزىسىدا ئاياللارنىڭ ھامىلدار بولۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ


2005.08.05

خىتاي ھۆكۈمىتى ھامىلدار ئاياللارنىڭ بالىسىنى مەجبۇرى ئېلىۋېتىشكە بولمايدۇ، دەپ قانۇن چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزىلاردا ھامىلدار ئاياللارنى مەجبۇرى ئوپېراتسىيە قىلىش داۋام قىلماقتا.

"قەشقەر گېزىتى" نىڭ خەۋەرقىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدىكى پاختەكلى يېزىسىنىڭ ئۆزىدىلا بۇ يىل مەجبۇرى بالا ئالدۇرغان ياكى مەجبۇرى ئۈزۈكى سالدۇرغان ئاياللارنىڭ سانى 4125 كە يېتىدىكەن.

شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى، بۇ ساننى پاختەكلىنىڭ نوپۇسىغا سېلىشتۇرغاندا كىشىنى چۆچىتىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ باياناتچىسى، بۇ ئەھۋالنىڭ پايتەخلى يېزىسى بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

باياناتچىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئاقسۇدا ئايقۇل بازىرىدىكى بازار پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ ئىنتىزام ئىشلىرىغا جاۋابكار سېكرىتارى ئەركىن ياسىن، ھامىلدار ئاياللارنىڭ بالىسىنى چۈشۈرۈشكە يىتەكچىلىك قىلىدىكەن. ئۇ، ئىنىسىنىڭ ئايالى 3 - بالىسىغا " پىلانسىز ھامىلدار بولغانلىقى" ئۈچۈن بالىسىنى مەجبۇرى ئالدۇرغان.

ئۇچۇر مەركىزىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى " ئىستراتېگىيىلىك مەقسەت" كە ئىگىكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.