يېقىندىن باشلاپ، بايىنغۇلىن موڭغول ئاپتونوم ئوبلاستى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئەمەل قىلغان ئائىلىلەرنى مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش سالمىقىنى تېخىمۇ زورايتتى.
"شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بايىنغۇلىن ئوبلاستى بۇلتۇردىن باشلاپلا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئەمەل قىلغان ئائىلىلىكلەرنى مۇكاپاتلاش، رىغبەتلەندۈرۈش تۈزۈملىرىنى ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇكەممەللەشتۈرگەن بولۇپ، ئەمدىلىكتە بۇ يەرگە قاراشلىق ناھىيە )شەھەر( لەردىكى مەمۇرىي، كەسپىي ئورۇنلاردىكى پىلانلىق تۇغۇتتا "قوش گۇۋاھنامە" ئالغان ئائىلىلەرنىڭ ساقلىقنى ساقلاش خىراجىتى ۋە پىنسىيىگە چىققاندىن كېيىنكى ئايلىق ئىش ھەققىگە قوشۇلىدىغان 5% مۇكاپات خىراجىتى مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈلگەن.
بايىنغۇلىن موڭغول ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىغا ئوخشاشلا پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىۋاتقان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر بايىنغۇلىن ئوبلاستىنىڭ چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى پىلانلىق تۇغۇتتا "قوش گۇۋاھنامە" ئالغان ئائىلىلەر 5964 كە يېتىپ، قاپلىنىش نىسبىتى 62.3% كە يەتكەن. (پەرىدە)