ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت ئىشلىرى ئۈچۈن يىلىغان 6 مىليون يۈەن ئاجرىتىلىدىكەن

خىتاينىڭ " 11‏- بەش يىللىق پىلان" مەزگىلىدە ئاپتونوم رايون ھەر يىلى 6 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، پىلانلىق بۇنى تۇغۇت مۇلازىمەت تورى قۇرۇلىشىغا سەرىپ قىلىدىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رادىئو ئىستانسىسىىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاپتونوم رايون ئاساسىي قاتلامنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۈچەيتىش ئۈچۈن " 11‏- بەش يىللىق پىلان" مەزگىلىدە مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى ھەر يىلى 6 مىليون يۈەن كۆپەيتىپ، پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت تورى قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىشنى قارار قىلغان.

شۇنداقلا ئاپتونوم رايون مۇشۇ ئاساستا ناھىيىلەردىكى پىلانلىق تۇغۇ تمۇلازىمەت پونكىتىنى باشلامچى، يېزا-بازارلاردىكى پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت پونكىتىنى تايانچ، كەنتلەردىكى پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت پونكىتىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ناھىيە ۋە يېزا-بازارلاردىكى پىلانلىق تۇغۇت مەركىزى مۇلازىمەت پونكىتلىرىنىڭ مۇلازىمەت سېستىما قۇرۇلىشىنى نۇقتىلىق ھالدا كۈچەيتىدىكەن.

خەۋەردە يەنە، بولۇپمۇ يېقىنقى بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى پىلانلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى پىلانلىق تۇغۇت ئىشلىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، نوپۇسنى كونترول قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئورۇنلاپ كەلگەنلىكى مەلۇم قىلىنغان. (پەرىدە)