ئۇيغۇر ئىلى ئاياللارنىڭ تۇغۇت مەزگىلىدە ئۆلۈش نىسبىتى خىتاي بويىچە ئەڭ يۇقىرى رايون


2006-03-17
Share

جۇڭگو ئاياللار تەتقىقات ئىنىستىتۇتى ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، تىبەت ۋە چىڭخەي ئۆلكىسى ئاياللارنىڭ تۇغۇت مەزگىلىدە ئۆلۈش نىسبىتى خىتاي بويىچە ئەڭ يۇقىرى رايونلار بولۇپ قالغان.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاياللار تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ "جۇڭگودا 1995 ۋە 2005 - يىللىرى ئارىسىدىكى جىنسىي باراۋەرلىك ۋە ئاياللار تەرەققىياتى" دېگەن ماۋزۇدىكى دوكلاتىدا، " بوۋاق قىزلار ۋە ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بەزى جايلاردا جىنسىي تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەبچى بولماقتا " دەيدۇ.

دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە تىبەتلەر ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى رايونلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ستاتىستىكا ئىدارىسى 2 يىل ئىلگىرى " تەڭرىتاغ" تورىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا قوساقتىكى بوۋاقلارنىڭ 57 % ىنىڭ ھايات تۇغۇلالمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ قوساقتىكى ھەر 1000 بوۋاقنىڭ 570 ى ھايات تۇغۇلمايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

مەزكۇر دوكلات ، تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاتارلىق ئېتنىك مىللەت رايونلىرىدا ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى بەزى چاغلاردا ھەر 100 مىڭ ئايالغا 100 ئايال توغرا كەلسە، بەزى چاغلاردا ھەر 100مىڭغا 4.310 ئايال توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئەمما خىتاي بويىچە ھېسابلىغاندا، ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى 1995 -يىلى ھەر 100 مىڭ ئايالغا 9. 61 ئايال توغرا كەلسە، 2004 - يىلغا كەلگەندە ھەر 100 مىڭ ئايالغا 3.43 ئايال توغرا كەلگەن. دوكلاتتا " سەھىيە مۇلازىمىتىنىڭ ناچارلىقى بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىمكانىيەت بەرمەيۋاتىدۇ " دەيدۇ. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت