خىتاي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى كۈچەيتمەكتە

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىغان بولۇپ، تەڭرىتاغ تورىنىڭ 6 ‏-ئاپرىل كۈنىدىكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار نىسبىتىنىڭ خىتاي بويىچە ئوتتۇرىچە سەۋىيىدىن خېلى يۇقىرى ئورۇننى ئىگىلەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 2001 ‏- يىلىدىكى 18 مىليون 761 مىڭ 900 دىن كۆپىيىپ 20 مىليون 103 مىڭ 500 ئادەمگە يەتكەنلىكىنى ، بەش يىلدا 1 مىليون 341 مىڭ 600 ئادەم ، ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ھەر يىلى 268 مىڭ 300 ئادەم كۆپەيگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي دائىرىلىرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نوپۇسنىڭ باشقا رايونلارغا قارىغاندا ناھايىتى تېز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتقانىقىنى تەكىتلەش ئارقىلىق، بۇ رايوندا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا، ئەمما ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى رەھىمسىزلەرچە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ، نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىگە كۆچمەن خىتايلارنىڭ سەۋەبچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىماقتا.

مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى رابىيە قادىر خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ھازىرلاپ، ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە بۇ ھەقتە ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارنى يەتكۈزگەن ، ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ھەتتا تۇغۇلۇشقا ئاز قالغان، 7 ‏-‏ 8 ئايلىق بوۋاقلارنىمۇ نوپۇسدىن سىرت تۆرەلگەن دېگەن باھانە بىلەن ئېلىپ تاشلايدىكەن. چەت يېزا‏- كەنتلەردە بۇ خىل ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، ھېچقانداق تىببىي ساۋاتقا ئىگە بولمىغان كىشىلەر، پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسىنىڭ دوختۇرى سۈپىتىدە تۇغۇت ئوپىراتسىيىسىگە قاتنىشىپ، ياش ئۇيغۇر ئاياللىرىغا پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن. (ئەقىدە)