باغراش ناھىيىسىدە بىر قىسىم ئائىلىلەرگە پىلانلىق تۇغۇت مۇكاپاتى ۋە تەقدىرنامىلىرى بېرىلدى


2006.09.06

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ باينغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا تەۋە باغراش ناھىيىسى1-سېنتەبىر كۈنى، 117 ئائىلىنى "بىر پەرزەنتلىك ئاتا-ئانىلار شەرەپ گۇۋاھنامىسى"،" پىلانلىق تۇغقان ئاتا-ئانىلار شەرەپ گۇۋاھنامىسى" دېگەن گۇۋاھنامە ۋە مۇكاپاتلار بىلەن تەقدىرلىگەن.

شىنجاڭ خەۋەر تورىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، باغراش ناھىيىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پىلانلىق تۇغۇت تەربىيىسىنى كۈچەيىتىپ، ئاھالىلار ئارىسىدا پىلانلىق تۇغۇتتىكى پايدىلىق سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ نەتىجە قازانغان ھەمدە 9 يىل ئۇدا ئاپتونوم ئوبلاست بويىچە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنىڭ نەتىجىسى بويىچە بىرىنچى بولۇشتەك سالاھىيەتنى ساقلاپ كەلگەن.

خەۋەردە كۈرسىتىلىشىچە ، باغراش ناھىيىسدە 2006-يىلى 6-ئايغىچە 1005 ئائىلە پىلانلىق تۇغۇت تەقىدرنامىلىرىگە ئېرىشكەن بولۇپ، بېرىلگەن مۇكاپات سوممىسى 2000 يۈەن ئىكەن.خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى تۈرلۈك يوللار بىلەن كۇچەيتسىمۇ، لېكىن بۇ جايغا ئىچكىرىدىكى خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ كۆپلەپ كېلىپ ماكانلىشىشىنى چەكلىمىگەن بولۇپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىيونلىرى پىلانلىق تۇغۇتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئىي كۆپىيىشىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلماقتا.

ئۇلار، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى مۇنداق داۋاملىشىۋەرسە، ئاز سانلىق مىللەتلەر جۈملىدىن ئۇيغۇرلار بىر مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە خىتاي مىللىتى ئىچىدە نوپۇس جەھەتتە يوقىلىپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشمەكتە. چۈنكى خىتايلارنىڭ سۈنئىي يولدا كۆپىيىشى تۈپەيلىدىن 1949-يىلىدىكى 5 % خىتاي نوپۇسى بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى ئاھالىسىنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلىش سەۋىيىسىگە يېتىپ، ئۇيغۇرلار ئاز سانلىققا ئايلىنىپ قالماقتا. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.