خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشتە قۇرئاندىن پايدىلىنىشنى ئوتتۇرىغا قويدى


2007.03.27

يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ تور بېتىگە، لى گوجياڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يۈرگۈزۈش كېڭەيتىلگەن يىغىندا سۆزلىگەن نۇتۇقى بېرىلدى، بۇ نۇتۇقتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىستراتېگىيسى بايان قىلىغان.

لى گوجياڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى. لى گوجياڭ مۇنداق دەيدۇ، "شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىشى بىر ئوبېكتىپ مەۋجۇت مەسلە يېزىلاردىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار بىزنىڭ زىممىزدىكى بۇ تارىخى بۇرچنى يۈرگۈزۈشىمىزدىكى تايانچ كۈچىمىز".

پىلانلىق تۇغۇت مەسىلىسىنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە يۈرگۈزۈشتە، ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: ۋەتەنپەرۋەر دىنى زاتلار ئارىسىدىكى، ئىناۋىتى ئۈستۈن، تەسىر كۇچى زور كىشىلەرنى تاللاپ چىقىپ، "قۇرئاندىكى ئانا، بالىلار ساغلاملىقىغا ئائىت مەزمۇنلارنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك". ئۇنىڭ نۇتۇقىدا يەنە ئېنىق قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدىكى 3 چوڭ ۋىلايەت ۋە ئوبلاستلاردا نوپۇس چەكلەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ تۇتۇش كۆرسىتىلگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشتە، ئۇلار خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ توسالغۇ بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بەزى ئىشلارنى مەخپىي تۇتۇش ياكى بېشىنى ئىچىگە تىقىپ ئىش قىلىۋىرىشنى ھەم ئېغىز ئاچماسلىقنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: دىنىي باشقۇرۇش ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش ئەزەلدىن خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بەك كۆڭۈل بولىدىغان مەسىلە، شۇڭا پىلانلىق كومىتېتىمىز ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈۋاتىدۇ. بۇنىڭغا نىسبەتەن بىز چوقۇم سىياسەت بىلەن ئىش كۆرىشىمىز، ئۆزىمىزگە قارىتا ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ دادىل ئىشلىشىمىز، سىرتقا نىسبەتەن، ئىشنى قىلىپ ئېغىز ئاچماسلىقىمىز كېرەك. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.