ۋاڭ لېچۇەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ھەم ئوبلاستتا نوپۇسنى داۋاملىق كونتورل قىلىشنى قاتتىق تەكىتلىدى


2007-04-01
Share

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھۆكۈمەت باشقۇرىشىدىكى ئاساسلىق مەتبۇئاتلاردا 31 - مارت كۈنى باش تېما سۈپىتىدە بېرىلگەن خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، شەنبە كۈنى ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پىلانلىق تۇغۇت خىزمەت يىغىنىدا، پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۇەن، ئۇيغۇر ئېلىدە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلگىچە يۈرگۈزۈلىدىغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ھەققىدە يوليورۇق بېرىپ "ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا نوپۇسنىڭ ئېشىشى پىلاندىن ئارتۇق بولۇپ كەتتى، دېھقانچىلىق رايونلىرى، ئاساسىي قاتلاملاردا بولۇپمۇ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، تۇغۇتنى داۋاملىق كونتورل قىلىپ، كۆپىيىش سەۋىيىسىنى تۆۋەن ھالەتتە ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك" دەپ، پىلانلىق تۇغۇت تارماقلىرىنىڭ دېگەنلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جىددى تەدبىر قوللىنىشنى تەكىتلىگەن.

ئەمەلىيەتتە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ 2006 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ستاتىستىكىلىق تەكشۈرىشىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇسى يىگىرمە مىليون 500 مىڭ چىققان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلى نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى، خىتاينىڭ ئەسلى پىلانىدىكىدىنمۇ ئاز چىققان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە بىر پەرزەنتلىك بولۇش شەرەپنامىسى ئالغان ئاز سانلىق مىللەت ئائىلىلىرى 900 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە دېھقانلار ئائىلىسى 250 مىڭ 470 نى ئىگىلەيدىكەن. شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدە تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغانلار 81%كە يەتكەن.

ۋاڭ لېچۇەن يەنە جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت ئوبلاستتا يەرلىك خەلقنى بىرلا پەرزەنتلىك بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن مۇكاپاتلاش چارىلىرىنى قوللىنىپ، نوپۇسنى ئۈنۈملۈك كونتورل قىلىش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلغان. (گۈلچېھرە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت