خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئىزچىل كۈچەيتمەكتە


2007.10.11

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلىرىگە قاراشلىق ھەر بىر ناھىيىلىرى بۇيىچە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى ھەر خىل شەكىلدە كۈچەيتىپ يولغا قويماقتا. خىتاي خەۋەر ۋاستىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يېقىندا ئالتاي ۋىلايەتلىك پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى چىڭگىل ناھىيىسىدە پۈتۈن ئاپتونوم رايون بۇيىچە تۇنجى بولۇپ پىلانلىق تۇغۇت " مېھرى شەپقەت تاللا بازىرى " قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، پىلانلىق تۇغۇت " مېھرى شەپقەت تاللا بازىرى" پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئەمەل قىلغان ، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنى يۆلەش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۈر بازاردا كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ئاساس قىلىنىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قارشى چىققۇچى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇزۇندىن بېرى تۈرلۈك ۋاستىلارنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارنى ئاز پەرزەنت كۆرۈشكە ئۈندەۋاتقان خىتاي، يالغۇز تەشۋىقات ئۇسۇللىرى ئارقىلىق پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئىجرا قىلىپلا قالماي، تۇغۇلۇشقا بىر قانچە كۈن قالغان بوۋاقلارنىمۇ پىلاندىن سىرت ئېلىنغان دەپ قاراپ، ئوپىراتسىيە ئارقىلىق يوق قىلىش چارىلىرىنى قوللانماقتا. بۇ كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تەن - سالامەتلىكىگە زىيان سالغاندىن سىرت ، ئۇلارنىڭ روھىي كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە يول ئاچماقتا ئىكەن.

ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشى، يېقىندا ئىلى ۋىلايىتىنىڭ قورغاس ناھىيىسىدە 8 ئايدىن ئاشقان ھامىلىنى ئوكۇل بىلەن چۈشۈرۈش ئوپىراتسىيىسىدە ئانا ۋە بالىنىڭ نەق مەيداندا جان ئۈزگەنلىكى تۈپەيلى پۈتۈن ناھىيە بۇيىچە نامايىش ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.