دانىيىنىڭ كارلسبېرگ پىۋا گۇرۇھى "قۇلماق شىركىتى" نىڭ ٪ 46 پاي چېكىنى سېتىۋالماقچى


2005.06.15

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پىۋە گوروھلىرىنىڭ بىرى بولغان كارلسبېرگ پىۋا گۇرۇھى ئۇيغۇر ئېلىدىكى "قۇلماق شىركىتى" نىڭ 46٪ پاي چېكىنى سېتىۋالماقچى.

ئېنگلىزچە چىقىدىغان ئاسىياغا نەزەر گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە مەلۇم بولۇشىچە، كارلسبېرگ پىۋا گۇرۇھى بىلەن سىچۇئەن بلۇسۋورد گوروھى بىرلىشىپ قۇرغان "شىنجاڭ بلۇسۋورد ھاراق ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىش شىركىتى" يەكشەنبە كۈنى "قۇلماق شىركىتى" نىڭ 169 مىليون پاي چېكىنى سېتىۋېلىشقا كېلىشكەن.

مۇتەخەسسىسلەر كارلسبېرگ پىۋا گۇرۇھىنىڭ پىۋا ياساشتا ئىشلىتىدىغان بۇغداي ۋە قۇلماققا بولغان ئېھتىياجى سەۋەبىدىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ شىركەتكە مەبلەغ سالغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. چۈنكى ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى باشقا جايلارغا قارىغاندا ئەرزانراق توختايدىكەن.

"قۇلماق شىركىتى" نىڭ سابىق باش دېرىكتور ئەكرەم ئەيسا 2003 - يىلى نويابىردىن باشلاپ يوقاپ كەتكەندىن بۇيان، مەزكۇر شىركەت كۆپ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن. گەرچە بەزى مەلۇماتلاردا ئەكرەم ئەيسانىڭ چەتئەلدە ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ھازىرغىچە ئۆزىنى كۆرسەتمىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.