خىتاي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدىكى مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى يەنىمۇ كېڭەيتمەكتە


2007.10.18

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ كەڭ نەتىجە كۆرسىتىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ، پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدە ئىلغار كوللىكتىپ ۋە ئىلغار شەخس بولۇپ باھالانغۇچىلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتە مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسىنى ھەممە جايغا كېڭەيتىشكە باشلىدى.

خىتاي خەۋەر ۋاستىلىرىنىڭ بۈگۈن ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل بۈگۈر ناھىيىسى پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى ئۈچۈن 3 مىليون 450 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، " ئاز تۇغۇپ تېز بېيىش" تىكى 239 ئائىلىنىڭ ھەر بىرىگە 3000 يۈەن، " ئىككى خىل گۇۋاھنامە " ئالغان 99 ئائىلىگە 112 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلى تارقاتقان.

بۇنىڭدىن باشقا، ھۆكۈمەتكە ھەمكارلىشىپ، تۇغۇت چەكلەش ئوپىراتسىيىگە قاتناشقان تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشى ئۈچۈن 300 يۈەن تولۇقلىما پۇلى بەرگەن. تۇغۇت سىياسىتىگە ئەمەل قىلغان 85 ئائىلىگە يەر تەۋرەشكە چىداملىق بىخەتەر ئۆي سېلىپ بەرگەن . ئۇلارنىڭ بايان قىلىشىچە ، پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ يۇقىرىقى خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە ناھىيە بۇيىچە يالغۇز پەرزەنتلىك بولۇش گۇۋاھنامىسى ئالغان ئائىلە 3 مىڭدىن ئاشقان .

خىتايدا ئاز سانلىق مىللەت قاتارىدا سانىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئىجرا قىلىشنىڭ، ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئۇيغۇر ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق فوندى جەمئىيىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇتقا قارشى پروگراممىسىدا، " ئاز پەرزەنت تۇغۇپ، تېز بېيىش" نىڭ پۈتۈنلەي ساختا تەشۋىقات ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ مۇددىئاسى ئۇيغۇرلارنى بېيىتىش ئەمەس، بەلكى بىر مىللەتنى يوق قىلىش ئىكەنلىكى پاكىتلىق دەلىل ‏- ئىسپاتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.