18- ئاۋغۇست كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پىلانلىق تۇغۇت، پەن-تېخنىكا خىزمەت يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قازاق مىللىتىدىن بولغان مۇئاۋىن رەئىسى نۇرلان ئابدۇمەنجىن سۆز قىلىپ، پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى ۋە پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا خىزمىتىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىتىشنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت ئىشلىرى ئۈچۈن 130 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئاپتونوم رايوندىكى 46 ناھىيە دەرىجىلىك، 172 يېزا دەرىجىلىك پىلانلىق تۇغۇت خىزمەت پونكىتلىرىنى نۇقتىلىق كېڭەيتىش، 85 جايغا ھەرىكەتچان مۇلازىمەت قىلىش ماشىنىسى بېرىپ، پىلانلىق تۇغۇتقا مۇناسىۋەتلىك پەن-تېخنىكا سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى قارار قىلغان.
ئىنكاسلاردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتايلارنىڭ نوپۇسى تېز كۆپەيگەن بولۇپ، 1949-يىلى ئاران %5 نى ئىگىلىگەن خەنزۇلار بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئېلى نوپۇسىنىڭ يېرىمىدىن ئېشىپ كېتىشكە قاراپ يۈزلەنگەن. (ئۈمىدۋار)