ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت مۇھىم نۇقتىسى بولماقتا

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇچۇر مەنبەلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 25 - ئاۋغۇست كۈنى قەشقەردە جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىرىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.08.26

 يىغىندا دائىرىلەرنىڭ دوكلات بېرىشىچە جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتا ھازىرغىچە 43 مىڭ ئائىلە پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويغان، پەقەت قەشقەر ۋىلايىتىدىلا يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان" ئاز تۇغۇپ تېز بېيىش "سىياسىتىگە ماسلىشىپ، يالغۇز پەرزەنت كۆرۈش شەرەپنامىسى ئالغان ئائىلىلىكلەر 22 مىڭ 288 ئائىلىگە يەتكەن بولۇپ، بەش يىل ئىچىدە 40 ھەسسە كۆپەيگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلان قىلىشىچە بۇ ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى بەش مىليون 932 مىڭ بولۇپ ئۇيغۇر ئېلى نوپۇسىنىڭ 32يېقىن سالمىقىنى ئىگىلەيدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جايلاردا 2005 - يىلىدىن باشلاپ يالغۇز پەرزەنت كۆرۈشكە كۆنگەن دېھقان ئائىلىلەرنى 3000 يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاش سىياسىتىنى يولغا قويغان.

خىتاي پىلانلىق تۇغۇت دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىغىندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنىڭ ئىنتايىن ياخشى نەتىجە بەرگەنلىكى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇ جەنۇپتىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى نىشانلىق تۇتۇپ ئىشلەش، بۇ جايلارنىڭ نوپۇسىنى كونترول قىلىش خىزمەتلىرىنى پارتىيە ھەم ھۆكۈمەتنىڭمۇ ماسلىشىپ يەنىمۇ كۈچەيتىپ ئىشلىشى تەكىتلەنگەن.

قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن ھەمدە قىزىلسۇدىن ئىبارەت، جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاست ئاتىلىۋاتقان بۇ جايلار ئۇيغۇرلار ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان جايلار بولۇپ، بۇ جايلاردىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ %87.5 تىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ.

ۋاڭ لېچۈئەن ئىلگىرى جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى كۈچەيتىشنىڭ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەرەققىياتى ھەمدە مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ۋەزىپە دەپ دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.