چەت ئەلدە تۇرۇۋاتقان بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز يۇرتىغا بارغاندا كۆرگەن ۋە ھېس قىلغانلىرى
2008.01.24
چەت ئەلدە تۇرۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر مۇخبىرىمىز ۋەلىگە ئۆز يۇرتىغا بارغاندا كۆرگەن ۋە ھېس قىلغانلىرىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇرلارغا قارىتا دىنىي ئەركىنلىكىنى بوغۇش، تىلىنى چەكەش، قورچاق ئەمەلدارلاردىن پايدىلىنىپ ۋەھىمە سېلىش سىياسەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە.
چەتئەلدە تۇرۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئۆز يۇرتىدا كۆرگەنلىرى ۋە ھېس قىلغانلىرىنى سۆزلەپ بەردى. ئەمما ئۇ ئىسمىنى ئاشكارىلىسا، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇرتتىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن ئۆچ ئېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.
ياش ئۆسمۈرلەر دىني پائالىيەتكە قاتناشسا جەرىمانە قويىدۇ
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئۇيغۇرنىڭ بايان قىلىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا دىنىي ئەركىنلىكىنى چەكلەش، سىياسىي جەھەتتىن بېسىم ئىشلىتىش سىياسىتىنى قوللىنىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنى قاتتىق چەكلىمەكتە.
ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ۋە ئانا تىلىنى تەڭلا چەكلەيدۇ
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئۇيغۇرنىڭ بايان قىلىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ھەر بىر ئادەمنى، ھەر بىر ئائىلىنى مەركەزگە باغلاش سىياسىتىنى قوللىنىۋاتىدۇ. ھازىر قوللىنىلىۋاتقان سىياسەتنىڭ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى سىياسەتتىن ھېچقانداق پەرقى يوق. بۇ جەرياندا، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىمۇ، ئانا تىلىنىمۇ چەكلەۋاتىدۇ، يەسلىدىن باشلاپ، ھەتتا ياقا يۇرتلاردىمۇ خىتايچە سۆزلەشكە ئادەتلەندۈرۈش يولى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنى يوق قىلىش تەدبىرىنى قوللىنىۋاتىدۇ.
ئۇيغۇرلار كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىدىن نەپرەتلىنىدۇ
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئۇيغۇرنىڭ بايان قىلىشىچە، يۇرتتا ئۇيغۇرلار ساقچى ئاپتوموبىللىرىنىڭ، ھەتتا تېز قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىسىلا، يەنە كىمنى تۇتقىلى كەلدىكىن، دەپ يۈرىكى تىتىرەيدۇ. ئۇيغۇرلار كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىش ئەمەس، بەلكى نەپرەتلىنىدۇ، ئەمما قورقۇپ تۇرغاچقا پىكرىنى ئەركىن ئىپادىلىيەلمەيدۇ.
يەرلىك كادىرلار قورچاق
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئۇيغۇرنىڭ بايان قىلىشىچە، يەرلىك كادىرلار قورچاق. ئۇلار ئىشتىن چىقىرىۋېتىلىشتىن ئەندىشە قىلىپ، يۇقىرىغا تەخسىكەشلىك قىلىدۇ، خەلققە ھۆمىيىدۇ، سۆز-ھەرىكىتى قوپال، دېپلوماتىيە ياكى خەلقئارا ئۆلچەم دېگەننى چۈشەنمەيدۇ. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئاقسۇ ۋىلايىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلاغا قاراتقان سىياسى بېسىمىنى كۈچەيتمەكتە
- ئىلى ئوبلاستىدا دائىرىلەر "ئۈچ خىل قانۇنسىزلارنى تازىلاش" باھانىسىدا 19 چەتئەللىكنى قولغا ئالدى
- ئۇيغۇر ئېلىدا 5 يىل ئىچىدە ئاز دېگەندە 15 مىڭ كىشىگە ئۇزۇن مۇددەتلىك، مۇددەتسىز ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى بېيجىڭدىكى چەتئەل مۇخبىرلىرى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى
- ئاقتۇ ناھىيىسىدە يولغا قويۇلغان «ئون ئائىلە بىرلىشىپ ئىناقلىق بەرپا قىلىش تۈزۈمى» ھەققىدە
- بىر ئۇيغۇر دۆلەت بىخەتەرلىكىگە دەخلى يەتكۈزگەن دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىندى
- ئاۋسترالىيدىكى شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى نامايىش ئۆتكۈزدى









