پوسكام ناھىيىسى چەتئەلدە ئۇرۇق - تۇغقىنى بارلارنىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدە ناھىيە سىرتىغا چىقىشىنى چەكلەنگەن

دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پوسكام ناھىيىسىدە چەتئەلدە ئۇرۇق - تۇغقىنى بار ناھىيە پۇقرالىرىنىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدە ناھىيە سىرتىغا چىقىشىنى چەكلىگەن. لېكىن بۇ چەكلىمىنىڭ چەتئەلدە سىياسى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پوسكاملىقلارنىڭ يۇرتىدىكى ئائىلە تاۋاباتىغا قارىتىلغانلىقى ياكى چەتئەلدە ئۇرۇق - تۇغقىنى بارلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان - ئالمايدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.06.13
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

 ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، يېقىندا پوسكامدىكى يەرلىك دائىرىلەر تۈركىيىدە ياشايدىغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەت چەمبىرىكى ئىچىدىكى بىر زاتنىڭ پوسكامدىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى ئىزدەپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ناھىيە سىرتىغا چىقماسلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان، لېكىن بۇنىڭ سەۋەبىگە ئىزاھات بەرمىگەن.

خەۋەرلەردە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلى ئۇيغۇر ئېلىگە يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن رايوندا كەڭ - كۆلەملىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئالغانلىقى، ئۈرۈمچى، غۇلجا ۋە قەشقەر كوچىلىرىدا قوراللانغان ساقچى ۋە ژاندارمىلارنىڭ ھەيۋە كۆرسىتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ باش سېكرىتارى رونالد نوبىل، پەيشەنبە كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەتئەلدىن كېلىدىغان تەھدىتكە قارىغاندا ئىچكى جەھەتتىن كېلىدىغان تەھدىتتىن كۆپرەك ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، دائىرىلەر يېقىندىن بېرى قەشقەرنىڭ يوپۇرغا ناھىيىسىنىڭ پۈتۈن كىرىش ‏ - چىقىش ئېغىزلىرىدا توساقلارنى قۇرۇپ، ناھىيىگە كىرىپ ‏ - چىقىدىغان ئادەم، ئاپتوموبىل ۋە قاتناش قوراللىرىنى تەكشۈرمەكتە ئىكەن. دائىرىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن يوپۇرغىدا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم ئەمەس شۇنداقلا بۇ خەۋەر ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئىسپاتلانمىدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.