پوسكام ناھىيىسى مەكتەپ بالىلىرىنى 3 خىل كۈچلەرگە قارشى ھەرىكەتكە چاقىرغان

پوسكام ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ تور بېتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ ناھىيە 9 ‏ - ئاينىڭ 5 ‏ - كۈنى مەكتەپلەرنى ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى ھەرىكەتكە چاقىرغان، چاقىرىق مەزكۇر تور بەتتىكى بىر ئۇقتۇرۇشتا بايان قىلىنغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2008.09.18

ئۆتكەن ئايدا يۈز بەرگەن سەمەنيولى ۋەقەسى، يامانيار ۋەقەسى ۋە قىزىلبويى ۋەقەسى ئەسلەپ ئۆتۈلگەن ئۇقتۇرۇشتا، 3 خىل كۈچلەرنىڭ ئەزەلدىنلا جىم تۇرماي كەلگەنلىكى ۋە بۇندىن كېيىنمۇ توختىمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. ئۇقتۇرۇشتا، ئالدى بىلەن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدە رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەسسە قوشقانلىقى مەدھىيىلەنگەن، ئاندىن رامىزان ۋە مېيىپلار ئولىمپىكى مەزگىلىدىمۇ، ئوخشاش پىداكارلىق كۆرسىتىشى تەلەپ قىلىنغان. ئۇقتۇرۇش، ناھىيە ۋە يېزىلىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىلەرگىچە خىتاپ قىلغان بولۇپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈشى تەلەپ قىلىنغان.

ئۇقتۇرۇشتا يەنە، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇغقان يوقلاش، دوست ئىزدەش باھانىلىرى بىلەن رامازان مەزگىلىدە دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ قالماسلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. روزى تۇتۇش قاتتىق چەكلەنگەن ئۇقتۇرۇشتا، دىنىي زاتلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ روزى تۇتۇپ - تۇتمىغانلىقىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش تەلەپ قىلىنغان.

ئۇقتۇرۇشتا، نۆۋەتتە تۇرۇپ قوغداش ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقان ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار، ئۇخلاپ قالماسلىققا، ۋەزىپە سائىتىدە مەست بولۇپ قالماسلىققا ۋە ۋەقە چىقسا قېچىپ كەتمەسلىككە جىددىي بىر شەكىلدە ئاگاھلاندۇرۇلغان.

مەزكۇر ئۇقتۇرۇش ئۆتكەن ئايدا قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ قەشقەر دائىرىلىرىنى ھەددىدىن زىيادە سەزگۈرلەشتۈرۈۋەتكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. ئۆتكەن ئاي يۈز بەرگەن قىزىلبويى ۋەقەسىدە گۇماندارلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان ساقچىلارنىڭ بىر قىسمى قېچىپ كەتكەن ئىدى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.