ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە پويىز ئۆرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بەردى
2007.03.18
ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە بىر قېتىم پويىز ئۆرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بەردى. شىڭخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، 18-مارت كۈنى سائەت 15:40 ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىن ئانچە يىراق بولمىغان فۇكاڭ ناھىيىسى تەۋەسىدىكى تۆمۈر يولدا ئۈرۈمچىدىن فۇكاڭغا ماڭغان، كۆمۈر باسقان پويىزنىڭ توققۇز ۋاگونى بىر كۆۋرۈكنىڭ چۈشۈپ كېتىشى بىلەن رېلىستىن چىقىپ كەتكەن، سەككىزى ئۆرۈلگەن، ئۈچ ۋاگون بولسا دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن.
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ۋەقە يۈز بەرگەن كۆۋرۈكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10 نەچچە مېتىر، سۇ يۈزىدىن ئېگىزلىكى تۆت مېتىر ئەتراپىدا ئىكەن. كۆزەتكۈچىلەر كۆۋرۈكنىڭ نورمىدىن ئارتۇق كۆمۈر باسقان ۋاگونلارنى كۆتۈرەلمىگەنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، مەزكۇر ۋەقەدە ئۆلگەن ياكى يارىلانغانلارنىڭ بار يوقلۇقى تېخى ئېلان قىلىنمىغان بولۇپ، ئەمما مەزكۇر ۋەقەنىڭ تۆمۈر يول قاتنىشى ۋە توشۇش ئىشلىرىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقى ئېنىق ئىكەن.
تېخى بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىن ئاقسۇغا كېتىۋاتقان يولۇچىلار پويىزى شامال كۈچى بىلەن ئۆرۈلۈپ، ئۈچ ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ۋە 100 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىدار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. ۋەقەدىن كېيىن خىتاي تۆمۈر يول دائىرىلىرى تۆمۈر يول قاتنىشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق چارىلارنى بېكىتكەن ئىدى.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا تومۇر يول خىتاينىڭ مۇھىم قاتناش ۋە توشۇش ۋاسىتىسى بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نېفىت، كۆمۈر قاتارلىق يەر ئاستى بايلىقلىرى ئۇزۇندىن بۇيان تۆمۈر يول ئارقىلىق ئىچكىرى خىتايغا توشۇلماقتا. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۈرۈمچىدىن ئاقسۇغا ماڭغان پويىز بوراندا ئۆرۈلۈپ كەتكەندىن كېيىن، بىرنەچچە سائەتكىچە قۇتقۇزۇش خادىملىرى يېتىپ كېلەلمىگەن
- ئۇيغۇر ئېلىدە بۇلتۇر ئىش ئۈستىدىكى تۈرلۈك ۋەقەلەردە 3122 ئادەم ئۆلگەن
- خىتاي ھۆكۈمىتى ھادىسىدە قازا قىلغان ئىشچىلارنىڭ ئائىلىسىگە تۆلەم تۆلىدى
- ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۈز بەرگەن غەلىتە قاتناش ۋەقەسىدە دوختۇر ۋە ساقچىلار ئۆلدى
- قەشقەردە يۈز بەرگەن 21 - ماي قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر 15 كە يەتتى