ئۈرۈمچىدە ھۆكۆمەت بانكىسى تارقاتقان پۇللار ساقتا بولۇپ چىققان

خىتاي خەۋەر تور بەتلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۈرۈمچىدىكى بەخىت كوچىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ۋاڭ فامىلىيىلىك بىر خىتاي بىر قانچە كۈن ئىلگىرى خەلق يولىدىكى بىر بانكىنىڭ ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن 400 يۇەن پۇل ئېلىپ بازاردىن مال سېتىۋالغان چېغىدا 100 يۇەنلىك پۇلنىڭ ساختا پۇل ئىكەنلىكى بايقالغان.

ۋاڭنىڭ مۇخبىرلارغا ئىنكاس قىلىشىچە، بۇ ئىش بىر قېتىملا يۈز بەرمىگەن، ئۇ بۇلتۇر 4 ‏- ئايدا ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن مىڭ يۇەن پۇل ئالغاندا، يەنە يۈز يۇەن پۇل ساقتا بولۇپ چىققان.

ھۆكۈمەت بانكىسىنىڭ مۇلازىمەت مۇدىرى بۇ ئەھۋالنى ئىنكار قىلىپ مۇخبىرغا " ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىغا قاچىلانغان پۇل ئالدىن تەكشۈرۈپ ئاندىن كىرگۈزۈلگەن. بارلىق ھەرىكەت جەريانى سىنئالغۇغا ئېلىنىدۇ. ساختا پۇل چىقىشى مۇمكىن ئەمەس " دېگەن.

قانۇن گېزىتىنىڭ يېقىندا ئىلان قىلغان خەۋىرىدە، نامرات ئۇيغۇر رايونلىرىدىكى دىھقانلار ئارىسىدا ساختا پۇل تارقىلىپ،پەقەت قەشقەرنىڭ بەزى يېزىلىرىدىنلا 1 مىليون 700 مىڭ يۇەن ساختا پۇل بايقالغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، نامرات يېزىلاردا تارقىلىۋاتقان ساختا پۇللار، پەرق ئېتىش ئىقتىدارى ئاجىز بولغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى تېخىمۇ نامراتلاشتۇرۇش رولىنى ئوينىماقتا دەپ تەھلىل قىلماقتا. (ئەقىدە)