ئىلى خەلقئارا پۇتبول مۇسابىقىسى 7 ‏- ئايدا ئۆتكۈزۈلىدۇ


2007.06.07

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى 7 -ئايدا ئىلىدا " خەلقئارا پۇتبول " مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 7 ‏- ئاينىڭ 11 ‏- كۈنىدىن 15 ‏- كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان مەزكۇر مۇسابىقىگە قازاقىستاننىڭ ئالمائاتا شەھىرىنىڭ ياشلار پۇتبول كوماندىسى، قىرغىزىستان بىشكەك شەھىرىنىڭ ياشلار پۇتبول كوماندىسى ۋە ئۈرۈمچى ، قەشقەر ، ئاتۇش ھەم غۇلجا شەھىرىنىڭ كوماندىلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 6 پۇتبول كوماندىسى قاتنىشىدىكەن.

پۇتبول ئويناش ، ئۇيغۇرلاردا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئومۇملاشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بەدەن قۇرۇلۇشى ۋە سۈپىتى مەزكۇر تەنھەرىكەت تۈرىگە تولىمۇ باپ كېلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىلىرىغا ئەھمىيەت بەرمىگەچكە، مەزكۇر تەنتەربىيە تۈرىنى راۋاجلاندۇرۇش شەخسلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئەمما ھۆكۈمەت شەخسلەر تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان پۇتبول كوماندىلىرىنى چەكلەش ھەتتا بۇ خىل كوماندىلارغا سىياسىي بۆھتانلارنى چاپلاش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان .

1997 ‏- يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوراللىق باستۇرۇلغان"‏ 5- فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى" ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ " مەشرەپ " تەشكىللەش ھەمدە پۇتبول كوماندىلىرىنى قۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىدى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.