قاغىلىقتىن 87 نەپەر ئۇيغۇر ياش چىڭداۋ شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى


2008.01.07

قاغىلىق ناھىيىسى ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن باشلاپ قاغىلىق ناھىيىسىدە ئۇيغۇر ياشلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش ئىشلىرى يەنە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، 2- يانۋار كۈنى قاغىلىق ناھىيىسىدىن 87 نەپەر ئۇيغۇر ياش چىڭداۋغا ئېلىپ كېتىلگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇزۇتۇش مۇراسىمىغا ناھىيە رەھبەرلىرىدىن يېزا كادىرىغىچە خادىملار قاتناشقان بولۇپ، بۇ قاغىلىقتىن چىڭداۋغا يولغا سېلنىغان 5- قارار ئۇيغۇر ياشلار بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

يىغىندا ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى سۆز قىلىپ، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ "كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىش" ىنى ۋە ئۆز پەرزەنتلىرىنى سىرتقا ئىشلەشكە يولغا سېلىشنى ئائىلە كىرىمىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق ئىش دەپ تونۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

2- يانۋار كۈنى چۈش مەزگىلىدە بۇ 87 نەپەر ياش ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ قاغىلىقتىن خىتاينىڭ چىڭداۋ شەھىرىگە قاراپ يولغا چىققان.

ئىلگىرى خىتاي شەھەرلىرىگە ئېلىپ كېتىلگەن 400 نەپەر ياشنىڭ ھەممىسى قىز بالىلار ئىدى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ نۆۋەت چىڭداۋغا يولغا چىققان 87 نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ ھەممىسى ئوغۇل بولۇپ، بۇ قاغىلىقتىن خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىشلەشكە تۇنجى رەت ئېلىپ مىڭلىغان ئوغۇل بالىلار ئىكەن. خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق ھۆكۈمىتى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلىرى بىرلىكتە سىياسەت بەلگىلەپ، 2006- يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئىلىدىن نۇرغۇن قىزلارنى خىتاي شەھەرلىرىگە ئىشلەمچىلىككە ئېلىپ كېتىۋاتقان بولۇپ، بۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلىنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.

ئىلگىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەشكە ئېلىپ كېتىلگەن بىر قىسم ياشلار بىر ئاماللارنى قىلىپ زاۋۇتلاردىن قېچىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار رادىئومىزغا بەرگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئۇلار، سائەتلەپ ئىشقا سېلىنغاننىڭ ئۈستىگە مائاشىنىمۇ ئالالمىغان ئىكەن. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.