تەتقىقاتچىلار قاناس كۆلىدىكى "ئالۋاستىلار" توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ


2005.07.29

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەتقىقاتچىلار بۇ يىل 8 - ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان قاناس كۆلىدىكى " ئالۋاستىلار" توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن.

ئالتايدىكى يەرلىك خەلقلەر ئىچىدە قاناس كۆلىدىكى سىرلىق ھايۋانلار ھەققىدىكى رىۋايەتلەر تۆت يۈز يىلدىن بېرى ئېغىزدىن چۈشمەي كەلدى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، قاناس كۆلىگە يېقىنلاشقان ئات، ئۆچكە ۋە قويلار سىرلىق ھالدا يوقاپ كېتىدىكەن. بىراق 1985 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىئولوگىيە فاكۇلتېتىدىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار قاناس كۆلىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇزۇنلۇقى 10 مېتىردىن 15 مېتىرغىچە كېلىدىغان، ئېغىرلىقى 4 توننىدىن ئاشىدىغان قىزىل رەڭلىك چوڭ بېلىقلارنى بايقىغان.

تەتقىقاتچىلار 2 يىللىق تەكشۈرۈشتىن كېيىن 1989 - يىلى كۆلدىكى ئاتالمىش "ئالۋاستىلار" نى يوغىناپ كەتكەن سالمىن تىپىدىكى بېلىقلار، دەپ ھۆكۈم قىلدى. ئۆتكەن يىلى 8 - ئايدا بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار قاناس كۆلىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئەمما ئۇلار كۆلدىكى بېلىقلارنىڭ سانى ۋە ئۇلارنىڭ قاچاندىن بېرى بۇ يەردە ياشاۋاتقانلىقىنى ئېنىقلىيامىغان.

تەتقىقاتچىلار كېلەر ئايدا بۇ يەردە يەنە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، قاناس كۆلىدىكى غەلىتە ھايۋانلار ھەققىدىكى رىۋايەتنىڭ سىرىنى يېشىشكە تىرىشىدىكەن. قاناس كۆلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ موڭغۇلىيە، رۇسىيە ۋە قازاقىستان چېگرىسىغا توغرا كېلىدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.