قاناس چەتئەللىك ساياھەتچىلەر بېرىشقا تېگىشلىك جاي دەپ باھالىنىپ، ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشتى


2006.03.30

ئۇيغۇر دىياردىكى قوغدىلىدىغان ساياھەت ئورۇنلىرىدىن بىرى بولغان قاناس كۆلى، خىتاي بويىچە چەتئەللىك ساياھەتچىلەر بېرىشقا تېگىشلىك 50 جاي تىزىملىكىگە كىرىپ، مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغاندىن كېيىن ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

8 ‏- ئاپرىل كۈنى بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا مەزكۈر تۈر بويىچە مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئېلىپ بېرىلىدىكەن. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ساياھەتچىلەر بېرىشقا تېگىشلىك 50 جاي ئىچىدىن بىرنى تاللاپ چىقىش پائالىيىتىگە خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا خادىملىرى، ئۆلكە ۋە شەھەرلەردىكى ساياھەت ئىدارىلىرى، ساياھەت ساھەسى بويىچە مۈتەخەسسىسلەر شۇنىڭدەك نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن ئورۇنلارنىڭ ۋەكىلىرىدىن بولۇپ 800 كىشى قاتناشقان.

گەرچە، قاناس كۆلى ساياھەتچىلەر بېرىشقا تېگىشلىك 50 جاي ئىچىدىن تاللىنىپ ، ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولسىمۇ ، ئەمما ئىلگىرى قاناس كۆلىنىڭ مۇھىتىنى ئاسراش خىزمەتلىرى ياخشى ئىشلەنمىگەنلىكتىن، مەزكۈر جاينىڭ مۇھىتى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

ئىستانسىمىزنىڭ ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىدىن قارىغاندىمۇ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ساياھەت ئورۇنلىرى، پۇل تېپىشنى مەقسەت قىلغان ساياھەت شىركەتلىرى ۋە بۇ زېمىنغا قانۇنسىز ئېقىپ كىرگەن ئاققۇنلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىۋىتىلگەن بولۇپ، قانۇنسىز ئاققۇنلارنىڭ قالايمىقان ھايۋان ئوۋلاش ، قىممەتلىك دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى كولاش ھەرىكەتلىرى تۈپەيلىدىن نۇرغۇنلىغان ئورمان، دەريا ۋە كۆللەر ۋەيران بولغان. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.