قاناس مەنزىرىلىك رايونى خىتاينىڭ دۆلەتلىك باغچىسى قىلىپ قۇرۇلماقچى

خىتاي دائىرىلىرى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى قاناس تەبىئىي قوغداش رايونىنى ، غەربتىكى ئەڭ چوڭ دۆلەتلىك باغچا قىلىپ قۇرۇشنى پىلان قىلغان.

مەركىزى ئاگېنتلىقنىڭ تەيبېيدىن 13 ‏- ئىيۇل كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 15 يىل ئىچىدە يۇقىرىقى پىلاننى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

خەۋەردە مۈتەخەسىسلەرنىڭ سۆزلىرى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، دۆلەتلىك باغچا دىگەن - بىر دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلالايدىغان تەبىئىي رايوننى كۆزدە تۇتقان بولۇپ، مەزكۈر دۆلەتلىك باغچىنىڭ قۇرۇلۇشى، ئالاھىدە تەبىئىي رايون مەنزىرسى، ياۋايى ھايۋاناتلار ھەمدە تارىخىي ئىزنالارنى قوغداشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش بىلەن بىرگە، ھاياتلىقنىڭ قىممىتىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بېرى، قاناسنى زىيارەت قىلىدىغان ساياھەتچىلەر سانى يىلىغا 25 پىرسەنت كۆپەيگەن، ئۆتكەن يىلى ساياھەتچىلەر سانى 300 مىڭغا يەتكەن.

ئىنكاسلارغا قارىغاندا، بىر قانچە يىلاردىن بۇيان قاناس رايونىدا مۇھىتنى قوغداش خىزمىتى ياخشى ئېلىپ بېرىلمىغاندىن سىرت، ساياھەتچىلەرنىڭ بۇ رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى، بولۇپمۇ قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قالايمىقان ئوۋ ئوۋلاش، قىممەتلىك دورا ئۈسۈملۈكلىرىنى ئوغرىلاش قىلمىشلىرى نەتىجىسىدە مەزكۈر رايون ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىنغان.

ئەگەر قاناس رايونىنىڭ ھازىرقى ئومۇمىي كۆلىمىدىن ، 10 مىڭ كۋادىرات كىلومېتىرغىچە بولغان ئارىلىقى قوغداپ تەرەققى قىلدۇرۇلسا، ئۇ ،گۈزەل مەنزىرىسى بىلەن ئامېرىكىدىكى دۇنياغا مەشھۇر دۆلەتلىك سېرىق تاش باغچىسىدىن ئېشىپ چۈشۈشى مۇمكىن ئىكەن. (ئەقىدە)