قاناس رايونى ساياھەتچىلەر تەرىپىدىن ۋايرانچىلىققا ئۇچرىماقتا


2006.10.12

بىر قانچە ئايدىن بۇيان، دۆلەت دەرىجىلىك ئالاھىدە قوغدىلىدىغان رايون ھېسابلانغان قاناس رايونىنى زىيارەت قىلغان، چەتئەللىك ساياھەتچىلەر شۇنىڭدەك خىتايدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 700 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مەزكۈر رايوننى ساياھەت قىلغۇچىلار ئاساسەن گۇاڭدۇڭ ۋە بېيجىڭدىن كەلگەن خىتاي ساياھەتچىلەر بولۇپ، ئۇلار ساياھەتچىلەر سانىنىڭ 60 % ئىنى ئىگىلەيدىكەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قاناس، گۈزەل مەنزىرىسى بىلەن كۆپلىگەن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش ئارقىلىق پۇل تېپىشنى مەقسەت قىلغان ئىچكىرى ئۆلكىلىك تىجارەتچى ۋە ئاققۇنلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقلىرى تۈپەيلى، قاناس رايونى ۋە قاناس كۆلى مۇھىتى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانماقتا ئىكەن.

خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ، ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ قائىدە - تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلماسلىقتەك قىلمىشلىرى، خەلقئاراغا ئاشكارىلانغان بولۇپ، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ قىممەتلىك ئۆسۈملۈك ۋە گۈل - گىيالارنى ئۈزۈپ ۋەيران قىلىش ھەمدە قىممەتلىك ھايۋانلارنى ئوۋلاش قىلمىشلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساياھەت رايونلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بولۇشىغا سەۋەب بولماقتا. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.