خىتاي قاناستا ئامېرىكىنىڭ يېلوۋستون مەملىكەتلىك باغچىسىدىنمۇ چوڭ كۆلەملىك باغچە قۇرماقچى


2007.10.15

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قاناس مەنزىرىلىك رايونىنى كۆلەم جەھەتتە ئامېرىكىنىڭ يېلوۋستون مەملىكەتلىك باغچىسىدىنمۇ چوڭ كۆلەملىك باغچە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى پىلانلىماقتا ئىكەن. ھازىرقى قاناس مەنزىرىلىك رايونىنىڭ ئومۇمى كۆلىمى 1000 كۋادرات كىلومېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى يېڭى قۇرۇلىدىغان باغچە بۇنىڭدىن 10 ھەسسە چوڭ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىنىڭ يېلوۋستون مەملىكەتلىك باغچىسىنىڭ ئومۇمى كۆلىمى 9000 كۋادرات كىلومېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ئەگەر قاناستىكى باغچىنىڭ كۆلىمى خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ دېگىنىدەك بولسا، قاناس مەملىكەتلىك باغچىسىنىڭ كۆلىمى ئاز دېگەندە 10مىڭ كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىشى مۇمكىن. قاناس مەنزىرىلىك رايونى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدىن 1000 كىلومېتىر شىمالىدا بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى قاناس مەنزىرىلىك رايونىنى ئىچكىرىلىك خىتاي ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلگەندىن بېرى، بۇ رايون خىتاي ساياھەتچىلەر ئېقىمىنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كەلمەكتە.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 10 ئېيىدا قاناس مەنزىرىلىك رايونىنى ساياھەت قىلغان زىيارەتچىلەر 900 مىڭغا يېتىپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %32 ئاشقان. بۇ دېگەنلىك ھەر ئايدا قاناس مەنزىرىلىك رايونىنى 90 مىڭ ئادەم ساياھەت قىلدى، دېگەنلىكتۇر. بۇنچىلىك زور كۆلەمدىكى زىيارەتچىلەر ئېقىمى ساياھەت شىركەتلىرىنى پايدىغا ئېرىشتۈرسىمۇ، لېكىن مۇھىت قوغدىغۇچىلارنى ئەندىشىگە سالماقتا.

مۇھىت قوغدىغۇچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، قاناس مەنزىرىلىك رايونىنىڭ بۇنچىلىك زور كۆلەمدىكى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدىغان ئاساسىي ئەسلىھەلىرى يېتەرسىز بولۇپلا قالماي، خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ مۇھىت ئېڭى تۆۋەن بولغانلىقتىن، بۇ مەنزىرىلىك رايوننىڭ مۇھىت ۋە ئېكولوگىيىسىنى ئوڭشىغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ۋەيران قىلىۋېتىشى مۇمكىن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.