تۇتقۇنلارنىڭ "سۈكۈت قىلىش ھوقۇقى" ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇنازىرە قوزغىدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا چىقىدىغان خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چەتئەل قانۇنلىرىدا ئۇچرايدىغان گۇماندارلارنىڭ " سۈكۈت قىلىش ھوقۇقى" يېقىن ئارىدا خىتاي قانۇنلىرىغا كىرگۈزۈلۈپ، تۇتقۇنلار بۇ ھوقۇقتىن بەھرىمان بولۇشى مۇمكىن.

تۇتقۇنلارنىڭ " سۈكۈت قىلىش ھوقۇقى" مەسىلىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېقىندىن بېرى قانۇن دائىرىلىرى بىلەن مۇتەخەسسىسلەر ئارىسىدا تالاش- تارتىش قىلىنماقتا. " تەڭرىتاغ تورى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۇتقۇنلارنىڭ" سۈكۈت قىلىش ھوقۇقىنى" خىتاي "جىنايى ئىشلار قانۇنى" غا كىرگۈزۈش تەكلىپى، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ يىل 3 - ئايدا چاقىرىلىدىغان مەملىكەتلىك يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى مۇمكىن.

ئۈرۈمچى قانۇن مۇلازىمەت سىستېمىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، "سۈكۈت قىلىش ھوقۇقى" پۇقرالارنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغدايدىغان بىر خىل قالقان. شىنجاڭ غەربىي رايون ئادۋۇكاتلار مۇلازىمەت باشقارمىسىدىكى جاڭ يۈەنچىن، "گۇماندارلارنىڭ سۈكۈت قىلىش ھوقۇقى" ئەمەلىيەتتە " پۇقرالارنىڭ كىشىلىكى ۋە ئىززەت ھۆرمىتى تاجاۋۇزغا ئۇچرىماسلىقنىڭ ئەدلىيە تەرتىپىدە ئەكس ئېتىشىدۇر" دەيدۇ.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى شۈي خېڭنىڭ تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ گۇماندارلارنى ئىقرار قىلدۇرۇش ئۇسۇلى خەلقئارا پرىنسىپلارغا ئۇيغۇن ئەمەس. ئۇ، "سۈكۈت قىلىش بەزىدە قۇدرەتلىك قورال بولالايدۇ " دەپ تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، " گۇماندارلارنىڭ سۈكۈت قىلىش ھوقۇقى" ئېتىراپ قىلىنسا، بۇ خىتاينىڭ ئاغزاكى ئىقرارنى ئاساس قىلغان قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇش ئۇسۇلىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ.

ئەمما " تەڭرىتاغ تورى" نىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ۋە تەپتىش سىستېمىسىدىكى دائىرىلەر " گۇماندارلارنىڭ سۈكۈت قىلىش ھوقۇقى" نى جىنايى ئىشلار قانۇنىغا كىرگۈزۈشكە قارشى تۇرغان. ئۇلار، بۇ گۇماندارلارنى ئىقرار قىلدۇرۇش ۋە دىلو پاش قىلىش جەريانىنى ئاقسىتىش رولىنى ئوينايدۇ، دەپ قارايدىكەن. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتايدا ئۇيغۇر مەھبۇسلارغا تەن جازاسى بېرىش ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال، دەپ ئەيىبلىمەكتە. (ئەركىن)