خوتەن ۋە قەشقەر تەۋەسىدە يۈز بەرگەن قار ئاپىتىگە ئۇچرىغان بىر قىسىم دېھقانلار ئىسسىنىش، يىمەك - ئىچمەك ۋە ۋاقىتلىق تۇرالغۇ قاتارلىق ئاساسلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا جىددى ئېھتىياجلىق بولماقتا.
ئۆز مۇخبىرىمىزنىڭ قار ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئېغىر ئۇچرىغان خوتەن گۇما ناھىيىسىنىڭ كىلىياڭ يېزىسىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 17 - فېۋرال كۈنىدىن باشلاپ ياققان قارنىڭ قېلىنلىقى يېزا- بازار ئىچىدە 45 سانتىمېتىرغا، تاغلىق رايونلاردا 70 سانتىمېتىرغا يەتكەن. ھاۋا سوغۇق بولغانلىقى ئۈچۈن، تۇرۇبىلار يېرىلىپ كېتىپ، بەش مىڭدەك ئاھالىنىڭ ئىچىملىك سۈيى توختاپ قالغان.
ناھىيىلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مەزكۇر يېزىغا بىر قىسىم ئوتۇن، جۇۋا قاتارلىق ياردەم بويۇملىرىنى ئەۋەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئاپەتكە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرۇلمىغان. كىلىياڭ يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاپەتكە قارىماستىن، يېزىلىق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى دېھقانلارنى داۋاملىق ھاشار ئەمگىكىگە سېلىۋاتقان ئىكەن.
بۇنىڭ ئالدىدا، قەشقەر ۋە خوتەن تەۋەسىدە توختىماي ياققان قار نەتىجىسىدە، 260 ئېغىزدەك ئۆي ئۆرۈلۈپ، 20 مىڭ كىشى قار ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى، 30 مىڭ تۇياق چارۋا مالنىڭ ئاپەتتە ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. (ئارزۇ)