ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالىدا قار ئاپىتى مەيدانغا كەلدى

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالىدىكى ئىلى ۋە ئالتاي رايونلىرىدا توختىماستىن ياققان قار تەسىرىدە 620 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە ئاپەتكە ئۇچرىغان.

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ 12 ‏- يانۋار كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېڭى يىلدىن بۇيان توختىماي يېغىۋاتقان قار ئالتاي، تارباغاتاي، ئېلى، بورتالا قاتارلىق جايلاردا ئېغىر قار ئاپىتى كەلتۈرۈپ، بۇ رايونلاردا ياشاۋاتقان ئاممىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان.

ئىستانسىمىز ئىگىلىگەن ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، قار ئاپىتى سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئادەم ئۇششۇپ قالغاندىن سىرت، نەچچە يۈز مىڭ تۇياق چارۋا مال زىيانغا ئۇچرىغان شۇنىڭدەك قاتناش يوللىرىمۇ ئېغىر توسقۇنلۇققا دۇچ كەلگەن.

قاتتىق ياققان قار بىلەن بىللە، مەزكۇر رايونلاردا ھاۋا تېمپىراتۇرىسى 43 سېلتسىيە گىرادۇسقا چۈشكەن. (ئەقىدە)