كۇچا يايلىقى قار ئاپىتىگە ئۇچرىدى
2007.10.10
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ، 10 -ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ كۇچا ناھىيىسىدىكى يايلاقتا قار ئاپىتى يۈز بەرگەن، ئاپەتتە 15 كىشى يارىلانغان ۋە بىر كىشى ئۆلگەن.
ئاقسۇ شەھىرىدىكى تەشۋىقات ئورگانلىرى ، كۇچادا بۇ يىل قارنىڭ يىللاردىكىدىن بالدۇر ھەم قېلىن ياققانلىقىنى، بەزى يەرلەردە قار قېلىنلىقىنىڭ بىر مېتىردىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە يەنە ، چوڭ يول ياقىسىدىكى بىر قار دۆۋىسى ئىچىدىن تېپىلغان بىر يارىدار ھازىر قۇتقۇزۇلۇش باسقۇچىدا بولۇپ ئەھۋالىنىڭ ھېلىھەم خەتەر ئاستىدا ئىكەنلىكى؛ قارلىق شىۋىرغاندىن كېيىن باشلانغان قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە بۇ ئاپەتنىڭ يەرلىك خەلقلەرگە ۋە دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق ئىگىلىكىگە قانچىلىك زىيان ئېلىپ كەلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن .
©
2007 Radio Free Asia
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى كۇچادا قىزلىرىنى قوغدىغان ئاتا - ئانىلارنىڭ بېسىقتۇرۇلغانلىقىنى ئەيىبلىدى
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبى ئاز ئۇچرايدىغان قار ئاپىتىگە دۇچ كەلدى
- ئالتايدىكى قار ئاپىتىدە نۇرغۇن چارۋا ماللىرى ئۆلدى
- ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالىدا قار ئاپىتى مەيدانغا كەلدى
- ئۇيغۇر ئېلىدە قار ئاپىتى كېڭەيمەكتە
- خىتاي كۇچارنى ئەڭ چوڭ نېفىت-خىمىيە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش بازىسى قىلماقچى
- يامغۇرلۇق قار ئاپىتى قۇمۇلغا 8 مىليون يۈئەن ئىقتىسادىي زىيان سالدى
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى بەزى جايلادا قار ئاپىتى يۈز بەردى









