شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ، 10 -ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ كۇچا ناھىيىسىدىكى يايلاقتا قار ئاپىتى يۈز بەرگەن، ئاپەتتە 15 كىشى يارىلانغان ۋە بىر كىشى ئۆلگەن.
ئاقسۇ شەھىرىدىكى تەشۋىقات ئورگانلىرى ، كۇچادا بۇ يىل قارنىڭ يىللاردىكىدىن بالدۇر ھەم قېلىن ياققانلىقىنى، بەزى يەرلەردە قار قېلىنلىقىنىڭ بىر مېتىردىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە يەنە ، چوڭ يول ياقىسىدىكى بىر قار دۆۋىسى ئىچىدىن تېپىلغان بىر يارىدار ھازىر قۇتقۇزۇلۇش باسقۇچىدا بولۇپ ئەھۋالىنىڭ ھېلىھەم خەتەر ئاستىدا ئىكەنلىكى؛ قارلىق شىۋىرغاندىن كېيىن باشلانغان قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە بۇ ئاپەتنىڭ يەرلىك خەلقلەرگە ۋە دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق ئىگىلىكىگە قانچىلىك زىيان ئېلىپ كەلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن .