يامغۇرلۇق قار ئاپىتى قۇمۇلغا 8 مىليون يۈئەن ئىقتىسادىي زىيان سالدى


2005.11.23

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قۇمۇل ۋىلايىدە17- نويابىردىن 20- نويابىرغىچە داۋاملاشقان يامغۇرلۇق قار ئاپىتى، بۇ يەردە 8 مىليون يۈئەندىن ئوشۇق ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ، قۇمۇل تارىخىدا 50 يىلدىن بۇيان كۆرۈلگەن ئەڭ چوڭ يامغۇرلۇق قار ئاپىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان "مىڭباۋ گېزىتى" نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يامغۇرلۇق قار ياغقان 4-3 كۈندىن بۇيان، قۇمۇل شەھىرىنىڭ ھۆل-يېغىن مىقدارى 27 مىللىمېتىردىن ئاشقان بولۇپ، بۇ قۇمۇل شەھىرىنىڭ يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى بىلەن تەڭلىشىپ قېلىشقا ئاز قالغان.

بۇ يىل قىشتا مەزكۇر رايوننىڭ ھاۋا تېمپىراتورىسىئىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى بولۇشى سەۋەبىدىن شەكىللەنگەن بۇ يامغۇرلۇق قار ئاپىتى، قۇمۇل ۋىلايىدە 1000 دىن ئوشۇق ھايۋاننىڭ ئۆلىشىنى، 20 مىڭغا يېقىن دەل-دەرەخنىڭ ۋەيران بولىشىنى ھەمدە 100 دىن ئوشۇق قوتانلارنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇنىڭدىن سىرت يەنە، 30 نەچچە ئېغىزغا يېقىن ئاھالە ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ھەمدە بىر قىسىم يوللارنى سۇ ئېلىپ كەتكەن.

قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ كېلىماتى تىپىك قۇرۇقلۇق تىپىدىكى ھاۋا كېلىماتى بولۇپ، ئادەتتە قۇرغاق ۋە ئاز ھۆل-يېغىنلىق بولىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ پۈتۈن يىللىق ھۆل-يىغىن مىقدارى ئاران 34 مىللىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.