يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئالتاي ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن ئېغىر قار ئاپىتى سەۋەبىدىن ھازىرغىچە 9 مىڭ تۇياقتىن كۆپ چارۋا-مال ئۆلگەن. شۇنداقلا ھەممە يەرنى قار قاپلاپ كەتكەنلىكتىن، 300 مىڭ تۇياق چارۋا-مالنىڭ يەم تېپىپ يىيىشى قېيىنغا چۈشكەچكە، يەنە داۋاملىق چارۋا-ماللارنىڭ ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
خىتاي خەۋەر تور بېتىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ھازىر قار ئاپىتىدە ئۆيسىز قالغان چارۋىچىلارنىمۇ باشقا جايلارغا يۆتكىگەن. سىبىرىيىدىن سۈرۈلگەن بۇ كۈچلۈك سوغۇق ئېقىمى ئالتاينى مەركەز قىلىپ، چۆچەك، غۇلجا ۋە بۆرىتالا قاتارلىق جايلارغىچە تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، 29- دېكابىردىن باشلاپ 3-4 كۈن ئۇدا ياغقان قار سەۋەبىدىن، ھەتتا بەزى تاغلىق رايونلاردىكى قارنىڭ قېلىنلىغى بىر مېتىردىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن رۇسىيە چېگرىسىدىكى 20 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ناچار ھاۋا ھېسابلىنىدىكەن.
بۇ قېتىم ئالتاي رايونىدا تېمپىراتورا ئەڭ تۆۋەنلىگەندە نۆلدىن تۆۋەن 43 گىرادوسقا چۈشۈپ قالغان. نۆۋەتتە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار چارۋىچىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە چارۋا-ماللارنى قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئاپەت ئۈچۈن 3 مىليون 800 مىڭ يۈەن ئاجراتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
قىشتا ئۇيغۇر ئېلىدە قار ئاپىتى پات-پات كۆرىلىدىغان بولۇپ، 2001 - يىلى بۇ يەردە يۈز بەرگەن قار ئاپىتىدە تەخمىنەن 130 مىڭ تۇياق چارۋا-مال ئۆلۈپ قالغان ئىدى. شۇنداقلا نەچچە يۈزگە يېقىن كىشىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۈششۈپ قېلىش ئالامىتى كۆرۈلۈپ، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ توڭلاپ قالغان بارماقلىرىنى كېسىۋېتىشكە توغرا كەلگەن. (پەرىدە)