ئالتايدىكى قار ئاپىتىدە نۇرغۇن چارۋا ماللىرى ئۆلدى


2006.02.26

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتىدە بىر ئايدىن بۇيان ئۇدا يېغىۋاتقان قار سەۋەبىدىن، بۇ يەردىكى چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ يەم-خەشەكلىرى يېتىشمەي قالغان ھەمدە بۇ، زور تۈركۈمدىكى چارۋا ماللىرىنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

خىتاي خەۋەر تورىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى قار ئاپىتىگە ئېغىر ئۇچرىغان رايونلار كۆكتوقاي ۋە چىڭگىل ناھىيىسى ئەتراپلىرى بولۇپ، بۇ رايونلاردا نۇرغۇن چارۋا ماللىرى بار بولغاچقا، يەم-خەشەكلەرنىڭ يېتىشمەسلىكى ھازىر بۇيەردە چوڭ بىر مەسىلە بولماقتا.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، كۆكتوقاي ناھىيىسىدىلا 120 مىڭ تۇياقتىن كۆپ چارۋا ماللىرى، يەرلەر قار بىلەن قاپلىنىپ كەتكەنلىكتىن ئوزۇقلىنىشقا ئامالسىز قالغان. چىڭگىل ناھىيىلىك چارۋىچىلىق نازارىتىنىڭ نازىرى جانانۇرنىڭ بىلدۈرىشىچە، پۈتۈن ناھىيىدە ساقلىنىۋاتقان زاپاس يەم-خەشەكلەر ئاران 3‏- ئاينىڭ 15‏- كۈنىگىچە يېتىدىغان بولۇپ، ئەگەر بۇنىڭغا جىددىي تەدبىر قوللۇنىلمىسا، ئۇ چاغدا يەنە نۇرغۇن تۈركۈمدىكى چارۋا ماللىرى ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئالتاي ۋىلايىتىدىكى قار ئاپىتى سەۋەبىدىن يەنە، ئالتاي شەھىرى ھەمدە كۆكتوقاي ۋە چىڭگىل ناھىيىلىرىدىكى چارۋىچى ئاھالىلەرمۇ باشقا رايونلارغا يۆتكەلگەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.