قاتتىق سوغاق بايىنغولىندا ئاپەت پەيدا قىلدى


2008-01-22
Share

ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ 18‏- يانۋاردىن باشلاپ پەۋقۇلئاددە تۆۋەنلىشى بىلەن بايىنغۇلىن ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەسىدىكى بايىنبۇلاق يايلاقلىرىنىڭ جەنۇبى ھەمدە بايىنغۇلىن تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىمۇ قاتتىق قار يېغىپ ئاپەت پەيدا قىلغان.

22‏- يانۋار يەرلىك دائىرىلەرنىڭ قار ئاپىتى ھەققىدە تارقاتقان خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشچە ، بەزى جايلاردا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا نۆلدىن تۆۋەن 25 سېلسىيە گرادۇسقا چۈشكەن بولۇپ ، بۇ ئاساسەن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىمالنىڭ سوغاق ئېقىمىنىڭ تۇيۇقسىز تەسىرى بىلەن كۆرۈلۈۋاتقان، تۇيۇقسىز كېلىمات ئۆزگىرىشى بولۇپ ،ھەتتا يىللار بويى قار ياغمايدىغان تەكلىماكان قۇملۇقىغا تۇتاش چەرچەن ۋە چارقىلىقنىڭ جەنۇبىي قىسىملىرىغىچە تەسىر كۆرسەتكەن ۋە بۇ جايلاردىمۇ ئالتە سانتىمېتىر ئەتراپىدا قار ياققان .

چەرچەن ، چارقىلىق ۋە بايىنبۇلاق يايلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جايلاردا بۇ 10 يىلدىن بۇيان كۆرۈلگەن ئەڭ ئېغىر قار ئاپىتى بولۇپ ،ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما 3000 دىن ئاشىدىكەن. بۇ جايلاردا كۆرۈلگەن پەۋقۇلئاددە سوغاق ھەم قار ئاپىتى سەۋەبىدىن 3300 تۇياق مال ‏- چارۋا ئۈششۈپ ئۆلۈپ، بىر مىليون 600 مىڭ يۈەن بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان كۆرۈلگەن.

بەزى يەرلىك ھۆكۈمەت تور بەتلىرىنىڭ ئاپەت ھەققىدە تارقاتقان خەۋەرلىرىگە قارىغاندا ،قېلىن قار سەۋەبىدىن يايلاقلارغا تۇتىشىدىغان تاغ يوللىرى ئېتىلىپ قالغانلىقتىن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىمۇ ئېغىر توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت